كاماندىروپكا قاتناش، تاماق ھەقلىرى ئەينەن ئاتچوت قىلىنسا شەخسلەر تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

02012-05-16 12:17:47   شىنجاڭ گېزىتى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئېلىمىز كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ پاراۋانلىق خىراجىتى دائىرىسىگە قارىتا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان، بۇلار ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ سەھىيە ساقلىق ساقلاش، تۇرمۇش، تۇرالغۇ، قاتناش ئىشلىرىغا تارقىتىلغان تۈرلۈك ياردەم پۇللىرى ۋە ماددىي پاراۋانلىق بۇيۇملىرى ھەم كارخانىلار ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە تارقاتقان سىرتتا داۋالىنىش خىراجىتى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش غەملەشكە قاتناشمىغان كارخانىلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى داۋالىتىش ياردەم پۇلى، ئىسسىنىش ياردەم پۇلى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىسسىقتىن ساقلىنىش پۇلى، قىيىنچىلىق ياردەم پۇلى، قۇتقۇزۇش پۇلى، تاماق ياردەم پۇلى، قاتناش ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە دەپنە ئىشلىرى ياردەم پۇلى، نەپىقە پۇلى، ماكانلىشىش پۇلى، تۇغقان يوقلاش قاتناش خىراجىتى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  دۆلەت باج باش ئىدارىسى تاپاۋەت بېجى مەھكىمىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى لۇ يۈن مۇنداق دېدى: شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىدا، شەخسلەرگە تارقىتىپ بېرىلگەن پاراۋانلىق بۇيۇمى مەيلى نەق پۇل ياكى ماددىي بۇيۇم بولسۇن، ھەممىسىگە شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمما، ھازىر كوللېكتىپ بەھرىمەن بولىدىغان، ئايرىغىلى بولمايدىغان، نەق پۇل بولمىغان شەكىلدىكى پاراۋانلىقتىن پىرىنسىپ جەھەتتىن باج ئېلىنماي كەلدى.

  شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىدا، كاماندىروپكىغا چىققانلارغا ئىدارە - ئورۇنلار نەق پۇل شەكىلدە قاتناش پۇلى، تاماق ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەرسە، ئۇنىڭدىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. مۇناسىۋەتلىك خادىملار مۇنداق دېدى: ئەگەر ئىدارە - ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمە بويىچە، كاماندىروپكىغا چىققانلارنىڭ قاتناش خىراجىتى، تاماق خىراجىتى تالونىنى شىركەن خىراجىتى سۈپىتىدە ئاتچوت قىلسا، شەخسلەردىن تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر