جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن ئىران ۋەكىلى تۈنۈگۈن ۋيېنادا يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپ ئىران يادرو مۇئەسسەسىسىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان رولى بار ياكى يوقلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ يىل ئىچىدە 3-قېتىم ئىراننىڭ تېخى ھەل بولمىغان يادرو مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئىكەن. ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى سۇلتانىيە ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ يادرو تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش ئىش بېجىرگۈچىسى خېرمان ناكارتىس ئىككى تەرەپكە ۋەكىل بولۇپ بۇ يېپىق سۆھبەتكە قاتناشتى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ۋە ئىران بۇ ئىش توغرىلىق ئىككى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.