ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيەدىكى باش ئەلچىسى بونتوسۇگرۇ 12-ماي مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۇرىيەگە ئەۋەتكەن نازارەت ئۆمىكىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋەزىپىسىنى نازارەت قىلىشتىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا 25 برونېۋىك ئاجرىتىپ بېرىدۇ. بۇندىن بۇرۇن، سۇرىيەدە كۆپ قېتىم نازارەت ئۆمىكىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. پايتەخت دەمەشقتە 10-ماي يەنە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 55 ئادەم قازا قىلدى، 372 ئادەم يارىلاندى. بۇ ۋەقەلەر تىنچلىققا ئىنتىلىۋاتقان سۇرىيەلىكلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈردى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: سۇرىيەدىكى توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپ قىسقا ۋاقىتتا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ، ئۆكتىچى قوراللىقلار داۋاملىق پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، ھۇجۇم قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى مەدەشىق قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە يۆتكىدى. لېكىن سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر يەنىلا بىر قەدەر ئەمەلىي كۈچى بار، ئۇ دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارا مۇھىتتا ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ. سۇرىيە دائىرىلىرى كەلگۈسىدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھلار بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىيەلىسە، بۇ دۆلەتتە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشمە ئالاھىدە ئەلچىسى ئانناننىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرى 12-مايدىن باشلاپ ئۇرۇش توختاتتى. لېكىن بىر ئاي ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتالمىدى. ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇش يەنىلا داۋاملاشماقتا، پەقەت كۆلىمى ئۇرۇش توختىتىشتىن بۇرۇنقىدىن كىچىكلىدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاننان بىلەن ئۇنىڭ تىنچلىق پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدا قىيىنچىلىقلار كۆپ، بۇ سۇرىيەگە خەلقئارا ھەربىي كۆزەتكۈچى خادىملارنى كۆپەيتىشنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر ئۇرۇش توختىتىش ئۈستىدىن ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش تەس؛ سۇرىيە دائىرىلىرى مالىمانچىلىق بولۇۋاتقان شەھەر-بازارلارنى ئۆكتىچىلەر قايتىدىن كونترول قىلىۋېلىشىدىن ئەمدىشە قىلغاچقا سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ھازىرغىچە مالىمانچىلىق بولۇۋاتقان زور كۆپ قىسىم شەھەر-بازارلاردىن چېكىنمىدى؛ سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەردىن قورال تاشلاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ لېكىن رەت قىلىندى؛ سۇرىيە ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھ ئارىسىدا يەنىلا غايەت زور دەرىجىدە ئىشەنمەسلىك مەۋجۇت، كرىزىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش ئاساسى يېتەرسىز.
بۇندىن باشقا، سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئالاقىدار دۆلەتلەردىن سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرگە قورال-ياراق ۋە مەبلەغ ياردىمى بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن بۇ دۆلەتلەر بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى. سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر سىرتنىڭ ياردىمىگە ئۈزلۈكسىز تايىنىۋاتقان ئەھۋالدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۇرىيەگە ئەۋەتكەن نازارەت ئۆمىكى داۋاملىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ۋە سۇرىيەدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولسا، سۇرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلاش مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
بۇندىن باشقا، سۇرىيەدە 7-ماي 40 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق كۆپ پارتىيە تۈزۈمىدىكى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى سايلامنى نازارەت قىلغان مۇستەقىل ئەدلىيە كومىتېتى مەملىكەتتىكى 18 ئاۋاز بېرىش پونكىتىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلىرى مەۋجۇت بولغانلىقتىن، بۇ پونكىتلارغا قاراشلىق رايونلاردا قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى، شۇڭا ھازىر سايلام نەتىجىسى تېخى جاكارلانمىدى. كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمى سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئاممىنىڭ ئاۋاز قوشۇشىنى تەلەپ قىلىپ قوللانغان يەنە بىر مۇھىم قەدەم باسقۇچى، بۇنداق قىلىش بىر يىلدىن بۇيان داۋام قىلغان سۇرىيە كرىزىسىغا ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
بۇ سۇرىيە بۇ يىل فېۋرالدا ئېلان قىلغان يېڭى ئاساسىي قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە كۆپ پارتىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى بىرىنچى قېتىم ئۆتكۈزگەن پارلامېنت سايلىمى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئەرەب گۈللىنىش سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مەملىكەتلىك ئالغا فرونتى قارمىقىدىكى يەتتە پارتىيىدىن تەركىب تاپقان «مىللىي ئىتتىپاق تىزىملىكى» سايلامغا قاتناشتى.
سۇرىيەدىكى سىياسىي تەھلىلچى گېئورگى جىبول مۇنداق دېدى: «مىللىي ئىتتىپاقلىق تىزىملىكى» بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلبە قىلىدۇ دەيدىغان قاراش بار، چۈنكى ئۇنىڭ ھەقىقىي سايلام رىقابەتچىسى يوق. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى سايلامدا پەقەت يېقىندا تەشكىللەنگەن بەزى يېڭى ئۆكتىچى پارتىيىلەر بار. سۇرىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى گۇرۇھ «سۇرىيە مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىسلاھات كۈچلىرى مىللىي ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى»، «سۇرىيەنى قۇرۇش ھەرىكىتى» ۋە چېگرا سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى گۇرۇھ «سۇرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى» بىردەك سايلامغا قاتناشمىدى.
سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىق كۈچلىرى 12-ئاپرېل قىسمەن ئۇرۇش توختاتقاندىن بۇيان، سۇرىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نامايىش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كىچىكلىگەن بولسىمۇ لېكىن تۈرلۈك پارتلىتىش ۋەقەلىرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى.
سۇرىيەدىكى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۇرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ نامايىش دولقۇنىنى شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت توسۇيالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب سەككىز مىليون نوپۇسقا ئىگە پايتەخت دەمەشق ۋە ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ھەلەب ۋە يېزا رايونى ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە قاتناشمىغان. ھالبۇكى ئۆتكەن يىلى دېكابىردىن بۇيان، دەمەشق ۋە ھەلەبتە نەچچە ئون قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ بەزى قوراللىق رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ئىككى شەھەرنى مۇھىم زەربە نىشانى قىلىۋېلىپ، شۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقان قىلىپ، پىرېزىدېنت باشارنى تەختتىن چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاش سۇيقەستىدە بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
ئوتتۇرا شەرق كۆزەتكۈچىسى مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر، سۇرىيە ھاكىمىيىتى يەنىلا كۈچلۈك، ئۇ دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارا مۇھىتتا يېقىندىن بۇيان غايەت زور دەرىجىدە ياخشىلىنىش بولدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت ئۆز قەرەلىدە تەشكىللەنسە، كەلگۈسىدە سۇرىيەدە ئۆكتىچىلەر قاتناشقان بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى مۇمكىن. بۇ سۇرىيەدىكى بەزى مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىشىغا پايدىلىق كەيپىيات يارىتىپ بېرىدۇ.