دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «دۇنيا ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيى»نىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

0 2012-05-16 12:13:34   خەلق تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

  خەلق تورى 15-ماي خەۋىرى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي «دۇنيا ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيى»نىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا 14-ماي مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، «دۇنيا ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيى»نىڭ ئالاقىدار خادىملىرى 14-ماي ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىپتۇ، جۇڭگو تەرەپ بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟

  خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنىڭ سىمۋولى. «دۇنيا ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيى»دىن ئىبارەت جۇڭگوغا قارشى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ياپونىيەدىكى ئوڭ قانات كۈچلەر بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، تىلىنى بىر قىلىۋېلىشى ئۇلارنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك سىياسىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى. ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىچى  سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى ئۇلارنىڭ بۇ رەزىل قىلمىشىغا لەنەت ئوقۇيدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر