بىخەستە دادا ئۆز بالىسىنى ماشىنىغا باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى

0 2012-05-16 10:44:22   www.basbas.cn   
T|T:خەت رەزمىرى
يېقىندا، شې فامىلىلىك بىخەستەلىك قىلىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۆزىنىڭ ئىككى ياشقىمۇ توشمىغان بالىسىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى.خۈەيروۋ سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قوبۇل قىلدى. شى فامىلىلىك بۇ يىل 28 ياش،ئەنخۈيدىن بولۇپ خۈەيروۋ رايونىدا بىر كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش ئورنى ئاچقان.ئۇ ئايالى ۋە بىر يىرىم ياشلىق ئوغلى بىلەن خۈەيروۋ رايونىدىكى بىر قورۇدا ئىجارىگە ئولتۇراتتى.بۇ يىل 2-ئاينىڭ بىر كۈنى، شى فامىلىلىك يىغىۋالغان كېرەكسىز نەرسىلىرىنى سېتىش ئۈچۈن ، بارلىق نەرسىلەرنى ماشىنىسىغا چاقلاپ ماڭىدۇ.ئويلىمىغان يەردىن ماشىنىنى ھەيدەپ بىر قانچە مىتېر ماڭمايلا، ئۇ ماشىنىسىنىڭ ئوڭ تەرەپ چىقى بىر نەرسىنى بېسىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ،ھويلىدىكى تۆمۈر تۇرۇبا دەپ قاراپ داۋاملىق ھەيدەپ ماڭىدۇ.ئايالىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، تېزدىن ماشىنىسىدىن چۈشۈپ قاراپ، تېخى ئىككى ياشقا توشمىغان بالىسىنىڭ يەردە قانغا مىلىنىپ ياتقانلىقىنى بايقايدۇ.ئۇ شۇ چاغدىلا ماشىنىنىڭ ئاستىدا ئويناۋاتقان بالىسىنى بېسىۋالغانلىقىنى بىلىدۇ.ئەر ئايال ئىككىيلەن تېزدىن بالىسىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزىدۇ.بىراق بالا يىرىم يولدىلا نەپەستىن توختاپ بولغان ئىدى. يېڭىلا بالىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئۇزىتىپ قاتتىق ئازابلانغان شى فامىلىلىك قانۇننىڭ جازاسىغا دۈچ كېلىدۇ. تەكشۈرگەن تەرەپ شى فامىلىلىك بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان، شۇڭا سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇش جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك دەپ قارىدى.نۆۋەتتە بۇ دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر