ليۇ فامىلىلىك تەلىيىنى سىناپ كۆرمەكچى بولۇپ ھاراق ئېچىپ مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ،ساقچىنىڭ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ ،ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى قاماقخانىدا كۆردى.
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى،جىنايەت گۇماندار ليۇ فامىلىلىك ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن بىر يۇدا ماركىلىق پىكاپنى ھەيدەپ،خېدىڭ رايونى شى سىنچى شىمالىي يان يول بۆلىكىدە، يول بويىدىكى كوچا چىراغ تۈۋرۈكى ۋە قاتناش يول كۆرسىتىش بۆلىكىگە سوقۇلۇپ كېتىدۇ.
ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، قاتناش ساقچىسى ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندە،ليۇ فامىلىلىك ساقچى بىلەن ماسلىشىشىنى رەت قىلىپ،ھاراق ئىسپىرتنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلىدۇ ھەمدە قانۇن ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىنى مۇشت بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇرىدۇ.كېيىن ساقچى تەرەپ ليۇ فامىلىلىكنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈپ ئۇنى ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن دەپ بېكىتىدۇ.
قانۇن دوختۇرلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ليۇ فامىلىلىك ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ساقچى يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ