گۇاڭشىدىكى خوتۇن ئالالمىغان يىگىت ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۈرۋەتتى

0 2012-05-16 10:41:34   جوڭگۇ ئاخبارات تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى
جۇڭگو ئاخبارات تورى گۇيلىن 15-ماي تېلېگراممىسى :گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ گۇيلىن شەھىرى لىپۇ ناھىيسىدىكى بىر يىگىت خوتۇن ئالالمىغاچقا،ئاتا-ئانىسىغا كۆڭلىدە  غۇم ساقلاپ يۈرۈپ60ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنى ئچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
لىپۇ ناھىيسىدىكى ساقچى تەرەپنىڭ 15-مايدىكى ئومۇمى ئۇقتۇرۇشىدا دېيىلىشىچە،11-ماي سەھەر سائەت 2:50دە ،مالىڭ  بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتچى خادىمى  لىپۇ ناھىيسى مالىڭ  ساقچىخانىسىغا ،مالىڭ بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ قورۇسىنىڭ ئىچىدە بىر ئەرنىڭ باش قىسمى ۋە بەدىنىدە قان ئىزى بارلىقىنى ،ئەپتنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى ،ئوغرى بولۇش مۈمكىنچىلىگى توغرىسىدا دېلو مەلۇم قىلغان. دېلو مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن ، ساقچىلار سەھەر سائەت 2:56 دە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ،بىر ياش ئەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ قان يۇقى ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ،ئۇنى دەرھال بويسۇندۇرغان ،ئۇنىڭ يېنىدىن بىر دانە قەلەمتىراچ،كىملىك گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلار چىققان.ساقچىلار ئۇنىڭدىن سوئال سوراپ ،ئۇنىڭ نېرۋىسىنىڭ ئانچە جايىدا ئەمەسلىكىنى،گەپلىرىنىڭ تاققا-تۇققۇ  ئىكەنلىكىنى بايقىغان.ساقچىلار  گۇماندارنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىدىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئۇنىڭ لىپۇ ناھىيسى مالىڭ  يوڭشىن  كوچىسى 43-نومۇرلۇق ئۆيدە  تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ فامىلىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى ناھايىتى تېزلا تېپىپ چىققان.ساقچىلار بۇ گۇماندارنىڭ ئۆيىنى تاپقاندا ئاللىقاچان يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەن بولۇپ،گۇماندارنىڭ ئۆيىدە چىراغ يېنىقلىق ئىكەنلىكىنى،ئىشىك دېرىزىلەرنىڭ ھىم ئېتىلگەنلىكىنى  كۆرگەندىن كېيىن،ساقچىخانا باشلىقى لى زەيجۈن خوشنىلاردىن شوتا سوراپ ئەكىلىپ،ئىشىكنىڭ ئۈستىدىكى كىچىك كۆزنەكتىن ئۆي ئىچىگەقاراپ،ئۆي ئىچىدە بىر كىشىنىڭ قانغا مىلەنگەن ھالدا ياتقانلىقىنى  بايقاپ،دەرھال ئىشىكنى بۇزۇپ ئۆيگە كىرگەن.ساقچىلار ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ،بىرىنچى قەۋەتتە بىر ئايالنىڭ،ئىككىنچى قەۋەتتە يەنە بىر ئەرنىڭ بەدىنىگە پىچاق تىقىلىپ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن.
سوراق قىلىش ئارقىلىق ،جىنايەت گۇماندارى لىيۇ فامىلىلىك ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىك جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان.ئەسلىدە لىيۇ فامىلىلىكنىڭ مىجەز خاراكتېرى بىر قەدەر  كەم سۆز  بولۇپ،تورغا چىقىشقا بەكلا ئامراق ئىكەن.ئادەتتە جىق گەپ-سۆزى يوق ئىكەن،ئەمما مىجەزى قوپال بولۇپ،دائىم دېگۈدەك ئاتا-ئانىىسى بىلەن  زىددىيەتلىشىپلا يۈرۈيدىكەن.ئىلگىرى ئۇ بىر قىزنى ياخشى كۆرگەن بولۇپ،ئەمما ئۇ قىز  ئۇنى ياخشى كۆرمەي ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ،ئاتا-ئانىسىغا كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ يۈرگەن ئىكەن ھەم ئاتا-ئانام ماڭا خوتۇن ئېلىپ بەرمىدى دەپ  ئۇلاردىن ئاغرىنىپ يۈرگەن ئىكەن.نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارى لىيۇ فامىلىلىك ساقچىلار تەرىپدىن جىنايى ئىشلار بويىچە رىجىمغا ئېلىنغان بولۇپ،دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلگەن ھالدا تەكشۈرىلىۋېتىپتۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر