2011 - يىلى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى جۇڭگو ۋە ئەزەربەيجان ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىنغا ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئابىد شارىفوۋ قاتناشتى. جۇڭگو - ئەزەربەيجان ئىككى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئىقتىساد ۋە سودا ئالاقىسى ئېلىپ باردى ھەمدە كېلىشىم ئىمزالىدى.
ئابىد شارىفوۋ مۇنداق دېدى: ‹تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتتىكى مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ سودا ھەمكارلىق ئالاقىسى ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن›.
ئەزەربەيجان ئېكسپورت قىلىش، مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى رۇفات مامماتوۋ مۇنداق دېدى: ‹كېلەر يىلىدىن باشلاپ بىز كارخانا - شىركەتلەرنى ئەنگە ئېلىشنى ئېلېكتىرونلاشتۇرىمىز، چەت ئەل شىركەتلىرى ئەزەربەيجاندا شىركەت قۇرماقچى بولسا، 15 مىنۇتتىلا شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇپ بولىدۇ، بىز چەت ئەل شىركەتلىرىگە مۇقىم بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىمىز، ئۇلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ھەقسىز مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيمىز، چەت ئەل كارخانىلىرى تۈرلۈك باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ›.
ھەمبەھىرلىنىڭ