قىرغىزىستان ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر دۆلەت كامباركىن 2 - نومۇرلۇق ئېلېكتىر ئىستانسىسى، سۇسامىر - كوكمېرىن پەلەمپەيسىمان ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە كامباركىن 1 - نومۇرلۇق ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىقلارنى ئېچىش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئېكسپورت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى ھەمدە 2019 - يىلى يىللىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئېكسپورت مىقدارىنى 16 مىليارد كىلوۋات - سائەتكە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2010 - يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئېكسپورت مىقدارى 1 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات - سائەت بولغان بولۇپ، 2011 - يىلى دەسلەپكى سەككىز ئايدا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئېكسپورت مىقدارى 2 مىليارد كىلوۋات - سائەت بولغان.
ھەمبەھىرلىنىڭ