بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرى 10-فېۋرال بەرگەن ‹قىزىل كالا ›ئىچىملىكىگە ئخىلاپ خۇرۇچ قوشۇش توغرىسىدا خەۋەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى .
مۇخبىر 12-فېۋرال شەھرىمىزدىكى ‹ياخشى يۇرت ›،‹كەررېفور ›،‹ۋاڭ فۇجىڭ ›،‹خۇيجىيا›قاتارلىق چوڭ تاللا بازارلىرىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ،كۆپ قىسىم تاللا بازارلىرىنىڭ ‹قىزىل كالا ›ئىچىملىكىنى مال پەشتاختىسىدىن ئېلىۋەتكەنلىكىنى ئىگىلىدى .‹ياخشى يۇرت ›،‹كەررېفور ›تاللا بازىرىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن :بىز ‹قىزىل كالا ›ئىچىملىكىنى مال پەشتاختىسىدىن ئېلىۋېتىپ ئىسكىلاتقا بېسىپ قويدۇق،‹قىزىل كالا ›ئىچىملىكىنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈش بەتىجىسى چىققاندى كېيىن ئاندىن بىر تەرەپ قىلىمىز ›.بىراق ‹ۋاڭ فۇجىڭ ›،‹خۇيجىيا›،‹1-ئىيۇل›جىياڭيۇ زاۋۇتى تاللا بازىرى ‹قىزىل كالا ›ئىچىملىكىنى ساتماسلىق توغرىسىدا ھېچقانداق ئوقتۇرۇش تاپشۇرۋالمىغانلىقتىن ،‹قىزىل كالا›ئىچىملىكىنى داۋاملىق سېتىۋەرگەن .
12-فېۋرال ‹قىزىل كالا ›ئىچىملىكى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى :‹بىز قىزىل كالا›ئىچىملىكى باش شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتۈۋاتىمىز ›دېگەن .