1.ۋىيتنامنىڭ شىمالىدىكى بەدىۋىلەرنىڭ بىرقىسىم قەبىلىلىرىدە توي كېچىسىنى كېلىننىڭ كونا ئاشىقىغا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان ئاجايىپ غەلىتە بىر ئادەت مەۋجۇت ئىكەن.قىزلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تويدىن ئىلگىرى باشقا سۆيگەن يىگىتلىرى بولىدۇ. ئەگەر باشقا بىرى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بولسا، چوقۇم ئالدىنقى يىگىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى كېرەك.ئەنئەنىۋىي ئادەتلەرگە ئاساسەن،كېلىنچەك توي كېچىسىنى كۈيئوغۇل بىلەن ئەمەس ،بەلكى ئالدىنقى يىگىتى بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ئالدىنقى يىگىتى بىلەن ئالاقىلاشسا بولمايدىكەن. پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن يولدىشىغا سادىق بولۇپ،باشىقىچە يولدىن چىقىدىغان قىلمىشلارغا قەتئىي يول قويۇلمايدىكەن.
2.ۋىيتنامنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايۇندىكى لولو مىللىتىنىڭ قىز-يىگىتلىرىنىڭ سۆيگۈ ئىزھار قىلىش شەكلى ئالاھىدە ئىكەن.ئۇلار يىپنى بامبۇكتىن ئۆتكۈزۈپ كاناي ياسايدىكەن،يىگىت بۇ كانايدىن پايدىلىنىپ،ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ھۆر قىزغا كۆڭلىدىكى سىرلارنى يەتكۈزىدىكەن.ئەگەر قىزچاق ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشقا قوشۇلسا،يىگىت قىزنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە تەييارلىق قىلىدىكەن.بۇ ۋاقىتتا ،قىز-يىگىت يۇشۇرۇن مەسلىھەتلىشىپ پىلان تۈزىدىكەن.قىزچاق ئاۋال ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىكەن،ئاندىن يىگىتنىڭ دوستلىرىنى ئۇ قىزنى تۇتۇپ،يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىدىكەن.قىزنى قولغا چۈشۈرگەن يىگىت چوشقا ئۆلتۈرۈپ ، دوست-يارەنلىرىگە زىياپەت بېرىدىكەن.
ئەگەر قىز-يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ توي ئىشىغا قوشۇلسا،توي مۇراسىمى ئۆتكۈزسە بولىدىكەن.قىز تەرەپ ئىككى نەپەر ۋەكىلنى ئوغۇل تەرەپنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ،گۈرۈچ ئومىچى ۋە بىر دانە پىشۇرۇلغان توخو سوۋغا قىلىدىكەن.قىز-يىگىت بىللە ئىشىك ئالدىدا بۇ ۋەكىللەرنى كۈتىۋالىدىكەن،ھەمدە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن تاماقلارنى بىللە يەيدىكەن.
3.ۋىيتنامدىكى گۇڭ مىللىتىنىڭ توي-تۆكۈن ئادەتلىرىمۇ ئالاھىدە بولۇپ،ئاۋال كېلىننى كۆچۈرۈپ كېلىپ،ئاندىن رەسىمىيەت بىجىرىدىكەن.ئاۋال ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى،ئاكا-ئىنىلىرى ،قەبىلە ئاقساقىلى ۋە كېلىنچەك بىرلىكتە قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بارىدىكەن،قائىدە بويىچە بىرخالتا تۇز،بىر خالتا چاي،بىر باغلام تور تۇقۇشتا ئىشلىتىلىدىغان كەندىر ئارغامچا،بامبۇك قۇتىلىق ھاراق ئېلىپ كەچتە قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ،تاماكا چېكىپ ھاراق ئىچكەچ بالىلارنىڭ توي ئىشىنى مەسلىھەتلىشىدىكەن.ئەگەر قىز تەرەپ قوشۇلسا ،ئۇلارنىڭ نىكاھ مۇددىتىنى بەلگىلەيدىكەن.بۇرۇن نىكاھ مۇددىتى سەككىز يىلدىن ئون ئىككى يىلغىچە بولۇپ،ھازىر ئۈچ -تۆت يىلغا قىسقارغان.
مەسلىھەت پىشقاندىن كېيىن ،ئىككىنچى كۈنى يىگىت يوتقان -كۆرپە ،ياستۇق ۋە بىر پىچاقنى ئېلىپ قىزنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كېلىدىكەن.شۇنىڭدىن باشلاپ كېلىنچەكنىڭ چاچ پاسۇنىدا ئۆزگىرىش بولىدىكەن.چېچىنىڭ ئېگىز تۈرۈپ ئۆزىنىڭ توي قىلىپ بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.ئىچ كۈيئوغۇل كۆچۈپ كېلىنگەندىن كېيىن ،قىز تەرەپنىڭ ئوغلى ھېسابلانسىمۇ ،ئەمما نۇرغۇن قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.ئۆيدە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ،ئاياغ كىيىشكە بولمايدۇ.قېيىن ئاپىسى ۋە يەڭگىلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىشكە بولمايدۇ.قېيىن ئاتا-قېيىن ئانىسى تاماق يەۋاتقان چاغدا ئۇخلىشىغا بولمايدۇ.ئۇلار تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن چاي قويۇپ بېرىشى كېرەك.ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلايدۇ،بېلىق تۇتىدۇ.
نىكاھ مۇددىتى توشۇشقا بىرنەچچە ئاي قالغاندا،كۈيئوغۇل ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ كېلىدىكەن.قىز تەرەپ ۋاقىتنى بەلگىلەپ بېرىدىكەن.ئادەتتە بو ۋاقىت كۈزلۈك يىغىم ۋاقتى ئاياغلاشقان ئون بىر-ئون ئىككىنچى ئايلارغا بېكىتىلىدىكەن.
ۋىيتنامدا كېلىنچەك توي كېچىسىنى بۇرۇنقى سۆيگىنى بىلەن ئۆتك...
فىرانسىيلىك پۇتبول چولپىنى كانتونا فرانسيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغ...
ئارگېنتىنا ياز كىرگەندىن كېيىنكى ئەڭ ئىسسىق ھاۋا رايىغا دۇچ...
ئامېرىكىلىق ئايال سافانىڭ بۇلۇتىنى يېيىشكە خۇمار بولۇپ قاپ...
شىنجاڭ «كروران قەدىمىي شەھەر لوڭقىسى» مودېللار مۇسابىقىسى ...