ۋىيتنام جېڭى بولغان مەزگىلدە دېڭىز قاراقچىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ مۇساپىر بولۇپ چېچىلىپ كەتكەن بىر ئائىلە كىشلىرى 34يىلدىن كېيىن تېپىشتى، نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ئەر بۇ قېتىملىق ئامېرىكا نىيويورك ئىشتاتى لوچېستتا چېچىلىپ كەتكەندە ئاران7ئايلىق قالغان بالىسى بىلەن قايتا تېپىشتى.
خېجاڭ بۇيىل 54ياشقا كىرگەن بولۇپ، ۋىيتنام جېڭى بولغان مەزگىلدە مۇساپىر بولۇشتەك يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، 1997-يىلى 12-ئايدا، ئۆيدىكىلىرى بىلەن مۇساپىرلار كېمىسىگە چۈشۈپ ۋىيتنامدىن ئايرىلماقچى بولغاندا، ئۇلار ئولتۇرغان كېمە دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئۇنى دېڭىز قاراقچىلىرى كېمىدىن تاشلىۋەتكەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چېچىلىپ كەتكەن.
خېجاڭ دېڭىزدا ئۈزۈپ 16سائەت بولغاندا، بىر بېلىقچى كېمىسى تەرىپىدىن قۇتقۇزىۋىلىنىدۇ، تايلاندقا بېرىپ مۇساپىر بولۇپ ياشايدۇ، 1978-يىلى كۆچمەن بولۇپ ئامېرىكىغا كېلىپ تۇققانلىرىدىن پاناھ ئىزدەيدۇ.
بۇ يىل6-ئايدا خېجاڭ ئوغلىنىڭ تېخى ھاياتلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، تايلاندتىن ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا باشلايدۇ، شۇ يەر جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بالىلىق بولۇپ بولغان ئوغلىنى تاپىدۇ، ئاندىن ئوغلى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ تۇققانلىرىنى يوقلاپ كېتىشكە تەكلىپ قىلىدۇ.
54ياشلىق خېجاڭ 20دىن ئارتۇق تۇققانلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا لوچېست ئايدورومىغا چىقىپ ئوغلىنى كۈتىۋالىدۇ، ئۇ :"مەن بەك خۇشال بولۇپ، ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتىمەن، بىزنىڭ بۇ قېتىملىق مىننەتدارلىق بايرىمىمىز بەك كۆڭۈللۈك ئۆتىدىغان بولدى"دەيدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ