فىرانسىيلىك پۇتبول چولپىنى كانتونا فرانسيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشماقچى

0 2012-01-11 11:02:37   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   

    خەلقئارا لىنيە تورى خەۋىرى:ئەنگلىيە كۈندىلىك تېلىگرامما گېزىتىنىڭ 9-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،مانچىستىر بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئىلگىركى ئەزاسى ئېرىك كانتونا ئالدىنقى كۈنى ئۆزىنىڭ بۇ يىل ئۆتكۈزىلىدىغان فرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ،شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

   كانتونا 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن چوقۇم فرانسىيىدىكى ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 500نەپەر ئەمەلدارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەندىلا ئاندىن سايلامغا رەسمىي قاتنىشالايدۇ.ئۇ ئاللىقاچان فرانسىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىرىغا  خەت يېزىپ ئۆزىنىڭ بىر مەسئۇلىيەتچان پۇقرا ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

   ‹‹ئازاتلىق گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان بۇ ئوچۇق خەتتە ،كانتونا فرانسىيە جەمىيىتىدىكى ئادىلسىزلىقنى،ياشلارغا پۇرسەتنىڭ كەملىكىدەك ئەھۋاللارنى ئەيىپلىگەن.بۇ كانتونانىڭ تۇنجى قېتىم جامائەتنى ئادىل بولمىغان ئىشلارغا دىققەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىشى ئەمەس.2010-يىلى 12-ئايدا،ئۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بانكىغا پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنى پۇل-مۇئامىلە ئاپراتلىرىغا ئامانەت پۇلىنى قايتۇرۋېلىشقا چاقىرىق قىلغان،ئۇنىڭ قارىشىچە،بۇنداق قىلىشى يەر شارى خاراكتىرلىك پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئۈچۈن،ھېچكىم ئۇنىڭ چاقىرىقىغا پەرۋا قىلمىغان.

   فرانسىيە زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا بىرىنچى باسقۇچلۇق سايلامغا قاتنىشىدۇ،بۇ سايلامدا ئېرىشكەن بېلەت سانى ھەممىدىن يۇقىرى بولغان ئىككىيلەن 5-ئاينىڭ بېشىدا ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامغا قاتنىشىدۇ.ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن قارىغاندا،سوتسىيال پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى فرانسىسكو خولاندنى قوللاش نىسبىتى ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭ نىكولاس ساركوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغان.

  كانتونا ناۋادا 500نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلىگەن تەقدىردىمۇ،ئەمما سىياسى پارتىيە ئارقا تېرىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قاتمۇ-قات قېيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامغا كىرگۈدەكمۇ پۇرسەتكە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博