ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 9-نۆۋەتلىك يىپەك يولى قار-مۇز بايرىمى 28- دېكابىر ئېچىلغاندىن كېيىن، تارماق بايرام ئۆتكۈزۈش مەيدانىنىڭ بىرى بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىلتاغ باغچىسى 20 پارچە ھەرخىل شەكىلدىكى مۇز ئويما ھەيكەللەرنى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھوزۇرلىنىشىغا سۇندى.