ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت 27 - دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو - ئاسىيا ئەللىرى بىرلەشمە خەۋەر قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات مەھكىمىسى يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىرلەشمە خەۋەر قىلىش ئۆمىكىنى جۇڭگونى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىدى، خەۋەر قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر 24 - دېكابىردىن 28 - دېكابىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا زىيارەتتە بولدى.
كۈرەش مەخسۇت خەۋەر قىلىش ئۆمىكىدىكىلەرگە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى، مىللەت - دىن تەرەققىياتىغا دائىر ئاساسىي ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ: ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىرلەشمە خەۋەر قىلىش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، خەۋەر قىلىش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ يېڭىچە قىياپىتىنى چەت ئەللەرگە ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي تونۇشتۇرۇپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىرلەشمە خەۋەر قىلىش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، «ئوتتۇرا ئاسىيا تېز خەۋەرلەر» ئاگېنتلىقىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى لۇئىسە ماخمۇدوۋا: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئۆزگىچە مەرىپەت جىلۋىسى بىزدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچلۈك دوستلۇقىنى ھېس قىلدۇق، قايتقاندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرىمىز، دېدى.
مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەكنى قايتىدىن سوتلىدى ،قوللىغۇ...
مىڭلىغان ئىسىرائىلىيەلىك كىشىلەر دىنى ئەسەبىيلىك ۋە ئايالل...
بىرما رانگون شەھەر ئەتراپىدىكى بىر ئىسكىلاتتا پارتىلاش يۈز ...
گۇاڭشى نەننىڭ تاماكا زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدائوت كەتتى،قو...
شىنجىن شەھەرلوخۇ دابىر ئاپتۇبۇس تۇيۇقسىز يولدىن چىقىپ كېتى...