چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭ باياناتچىسى29-چېسىلا مۇنداق دېگەن.ئۆتكەن ھەپتە ياققان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە بېسىپ كىرگەن.زۇڭتۇڭ سىمون پېرېز ئامالسىز كۆچۈپ چىقىپ سىرتتىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرغان.
مەزكۇر باياناتچىنىڭ دېيىشىچە،كەلكۈن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ يىغىن زالى ۋە ئاشخانىسىغا بېسىپ كىرگەن.بۇنىڭدىن باشقا،توك يوللىرىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.رېمونت قىلىش مەزگىلىدە، پېرېز يېرۇسالېمدىكى پۇقرالار تۇرالغۇسىدا 4ئاي تۇرغان.بۇ ئۆيدىن يېرۇسالېم كونا شەھىرىنىڭ خارابىسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
بىراق پېرىز داۋاملىق زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدىكى باشقا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان ئۆيلەردە باشقا دۆلەت مېھمانلىرىنى كۈتۈۋالىدىكەن.