ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانغا 29مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي قورال سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

0 2011-12-31 12:46:44   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    شىنخۇا تورىنىڭ ۋاشىنگتون29-چىسلادىكى تېلىگراممىسى:ئامېرىكا ئاق ساراي 29-چىسلا ،ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىممىتى30مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن ھەربىي قورال-ياراق سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

     ئاقساراي باياناتچىسى جوس ئونىس بىر تۈرلۈك باياناتتا سۆزلەپ،ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان ئومۇمىي سوممىسى29مىليارد400مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي قورال-ياراق سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئېيتقان.مەزكۇر كېلىشىم بويىچە،ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانغا 84دانەF-15SAتىپلىق جەڭ ئايروپىلانى سېتىپ بېرىپ سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 70دانەF-15Sتىپلىق جەڭ ئايروپىلانىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىشىگە ياردم بېرىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،كېلىشىم يەنە پارچە سايمانلار،تەربىيلەش،ئاسراش ۋە ئارقا سەپ مۇلازىمىتى قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىكەن.

    ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا،كەلگۈسى15يىلدىن 20يىلغىچە بولغان ئارلىقتا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىممىتى 60مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي مۇلازىمەتلىكلەرنى سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

    ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى ئىلگىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ،سەئۇدى ئەرەبىستانغا بۇ خىل قوراللارنى سېتىپ بېرىش ئامېرىكا تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي ،يەنە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مەنپەئىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق دېگەن.

   ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قارىشىچە،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئايدا ئىراقتىن پۈتۈنلەي چېكىنگەندىن كېيىن،ئىراننىڭ دېڭىز قولتۇقى رايونىدا تەسىرىنىڭ ئېشىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئەنسىرگەن.مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتىتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربي ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىراننى چەكلەشكە تىرىشىۋاتىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博