ئامېرىكا ئىقتىسادىي كرىزىسىنى قۇتقۇزۇشتا ئەخلاقلىق بولىشى كېرەك

0 2011-12-31 12:42:03   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
[ئامېرىكا «خەلقئارا پېشۋالار مۇنبىرى گېزىتى»نىڭ29-دېكابىر ماقالىسى] ئاسىيا جەمئىيىتى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزگەن چۈشلۈك تاماق يىغىنىدا، ناتونۇش بىر غەرب سودىگىرى يېنىمغا ئاستا كېلىپ  ئولتۇرۇپ: «ئامېرىكىدا چېرىكلىك زادى قانچىلىك؟» دېگەن  مەن ئۇچرىتىپمۇ باقمىغان بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
        توماس فرىدمان ماقالە يېزىپ مۇنداق دېدى:  ۋال كوچىسىدىكى مەبلەغ سېلىش مۇتەخەسسىسى، ناسداكنىڭ سابىق رەئىسى بېرنارد ۋالدروف دەل چارلېس پونزى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ (چارلېس پونزى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى دېگىنىمىز: قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ۋاسىتىسى بولۇپ، ئالدامچىلار ساختا كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىپ، كېيىن مەبلەغ سالغۇچىلار سالغان مەبلەغنى تېز پايدا ئالغان قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇنى دەسلەپتە مەبلەغ سالغانلارغا قايتۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ئالدايدىغان ئالدامچىلىق−تەھرىردىن)، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، لېكىن سەۋەب بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. مۇھىمى شۇكى، شىياڭگاڭدىكى پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسلىرى ۋال كوچىسىغا ئەزەلدىن ھۆرمەت نەزەرى بىلەن قاراپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر ۋال كوچىسىدا زور قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى. ئۇلار: بېئار ستېئارنس شىركىتى، لېخمان ئاكا-ئۇكىلار شىركىتى ۋە ئامېرىكا خەلقئارا گۇرۇھىدەك داڭلىق چوڭ كارخانىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر پەشۋاغا يارىماي قالغانلىقىنى، ئاكسىيە سودىسى كومىتېتىنىڭ  نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كوپ يىللاردىن بۇيان    تەشۋىق قىلىنىپ كەلگەن  يۇقىرى ئۆلچەمنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى چۈشىنەلمەيدۇ.
  شياڭگاڭدىكى ئابرۇيلۇق بانكىر ماڭا: ئۆتكەن ئون يىلدا مەن ئىشلەۋاتقان ئامېرىكا مەبلەغ سالغان كارخانىلار نۇقسانلار بىلەن تولغان ئاسىيا بانكىسىنى تەرتىپكە سېلىپ كۆپ پۇل تاپتى. ئامېرىكىنىڭ ياخشى ئۆرنىكىنى، بولۇپمۇ «خېرىدارلىرىنى چۈشىنىش» ۋە خەتەرنى قاتتىق تېزگىنلەش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق. ئەمما ھازىر كىم ئۈلگىلىك باشلامچى   بولىدۇ؟ دېدى.
  ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇنىڭغا ئامېرىكا باشلامچى بولغانىدى. بىزنىڭچە ئامېرىكىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار خېلى  ئاقىللىق ئىكەن. ھازىر ئامېرىكا ئۆزى ئاۋارىچىلىققا قالدى. ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ رېتسېپى ئارقىلىق ئۆز  دۆلىتىدىكى ۋابانى ساقايتالىشى تەس. چۈنكى، بۇ كېسەلنى داۋالايدىغان دوختۇر ئۆزى ئاغرىپ  بولۇپ قالدى.
     مەن بېرنارد ۋالدورفقا ھېسداشلىق قىلمايمەن. بىراق بۇنى ۋال كوچىسىنىڭ تۆۋەن ئۈسۈملۈك قەرز تارقىتىش، تۆۋەن ئۆلچەم ۋە  قاتتىق نەپسانىيەتچىلىكى تۈرتكىسىدە يۈز بەرگەن «قانۇنلۇق» ئالدامچىلىق بىلەن سېلىشتۇرغاندا ۋالدروفنىڭ پونزى ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ئالدامچىلىق قىلىشى ئانچە نومۇس قىلىدىغان ئىشمۇ ئەمەس.
     يىللىق كىرىمى 14 مىڭ دوللارغا يېتىدىغان  ئىشچىلارغا ئالدىن  پۇل تۆلىمەيدىغان، ئىككى يىلدىن كېيىن پۇلنى قايتۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، ئۇلارغا  750مىڭ دوللارلىق ئۆينى سېتىپ بېرىش، ئارقىدىن ئۇنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ رەنە قويغان پۇلىنى يىغىپ،ئاكسىيە ئايلاندۇرۇش(مودى ۋە ئۆلچەمپۇر قاتارلىق ئورگانلار AAAدەرىجە قىلىپ باھالانغان)، كېيىن يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى بانكىلار ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش فوندىغا سېتىپ بېرىش قاتارلىقلار قىلمىشلارنى قانداق ھەرىكەت دەپ ئاتايمىز؟ بىزنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىمىز مانا مۇشۇنداق قىلغان، بۇ ئەلئېھرام شەكلىدىكى مەبلەغ توپلاش ھېسابلانماي نېمە  .
     بۇنداق قانۇنلۇق پونزى ئالدامچىلىقىنىڭ ئاساسى پۇختا، قېلىپلاشمىغان ئەمەس بەلكى ئۆي قەرز ۋاسىتىچىلىرى ئاكسىيە توپلىغۇچى ئورگانلار، باھالىغۇچى ئورگانلار، ئاكسىيە ساتقۇچىلار ۋە ئۆي ئىگىلىرىدۇر. قەرزنى قايتۇرىدىغان ياكى رەنىنى قايتىدىن كېڭىشىدىغان چاغدا  ئۇلار «تىكىۋېتىش پرىنسىپى»غا ئەمەل قىلىدۇ.
    نۇرغۇن جەھەتتىن قارىغاندا،جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئامېرىكىدىنمۇ مۇستەھكەم تۇرۇشى، كرىزىسكە تاقابىل تۇرۇش  ئىستراتېگىيىسىنىڭمۇ ئېنىق بولۇشى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت كۆرۈنۈشتە بارغانسېرى ئوخشاپ كېتىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئوخشىمىغان تارىخى يوللاردا مېڭىۋاتىدۇ. جۇڭگو 20-ئەسىرنىڭ 60-ۋە70-يىللىرى تەلۋىلىشىپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى قوزغىغان، ماۋزېدۇڭ ئالەمدىن ئۆتۈپ دىڭ شياۋپىڭ ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىنلا نىشاننى ئۆزگەرتىپ، تەدرىجى  بازار ئىگىلىكى يولىغا قاراپ ماڭدى.
    ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە قېلىپى، باشقۇرۇش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك بەرباد بولدى. ۋولدورف  ۋەقەسى بۇنىڭدىكى كىچىكلا بىر ئىش. شۇنداق بولغاچقا بىز پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى ياردەمگىلا  موھتاج  ئەمەسمىز، بەلكى ئەخلاق جەھەتتىكى قۇتقۇزۇشقا موھتاجمىز. بىز بازارنى قايتا قۇرۇش، ئەخلاق ۋە باشقۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى يادرونى تەڭشەشكە موھتاجمىز، مەن كاپىتالىزم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان جانلىق روھنى توسماقچى ئەمەسمەن، لېكىن ئۇلارنىڭ مېنى نابۇت قىلىۋېتىشىنىمۇ خالىمايمەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博