چاۋىس:ئامېرىكا مەخپىي تېخنىكىلارنى ئىشلىتىپ لاتىن ئامېرىكىسى رەھبەرلىرىنى راك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىۋاتىدۇ.
ۋېنسۇئىلا زۇڭتۇڭى
ئارگىنتىنا زۇڭتۇڭى كىرىستىنا
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 29-چىسلادىكى تېلىگراممىسى:ئۇنىۋېرسال ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ28-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،ۋېىنسۇئىلا زۇڭتۇڭى چاۋىس بايانات ئېلان قىلىپ،ئۆزىنىڭ جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بىر نەچچە سولچىل رەھبەرلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن،بۇنىڭ ئېھتىمال ئامېرىكا تەتقىق قىلىپ چىققان بىرخىل مەخپىي تېخنىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ،ئەمما ئۇ جەزملەشتۈرۈش خاراكتىرلىك سۆز قىلمىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە،چاۋىس بۇ يىل راك كېسىلى بىلەن داۋالانغان.ئۇ سۆز قىلىشنىڭ ئالدىدا ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى كىرىستىنامۇ ئا تىپلىق بەز راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى جاكارلىغان.ئۇنىڭدىن باشقا بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسىف بلەن ئۇنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى لۇرامۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.
چاۋىسنىڭ ئېيتىشىچە،جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ،بۇ پەقەت ئېھتىماللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن، شۇڭا ئۇ غەلىتىلىك ھېس قىلغان.ئەمما ھېچقانداق ئىسپات بولمىغانلىقتىن، ئۇ تىغ ئۇچىنى ئامېرىكىغا قاراتقان.
ئەمما ئۇ سۆزلەپ:‹ناۋادا ئۇلار مۇشۇنداق بىر خىل ئادەمنى راك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدىغان تېخنىكىنى ياساپ چىقسا،ئەمما باشقىلار بۇنى بىلمىسە،بۇ غەلىتىلىك ئەمەسمۇ؟ ››.
چاۋىس بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى مەخپىي تەختتىن چۈشۈرمەكچى بولغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
گۇاڭشى نەننىڭ تاماكا زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدائوت كەتتى،قو...
شىنجىن شەھەرلوخۇ دابىر ئاپتۇبۇس تۇيۇقسىز يولدىن چىقىپ كېتى...
روسىيە قورال-ياراغ سودىگىرى بۇتېنىڭ ئايالى ئامېرىكىدا تۇرۇ...
تالىبانلار تۇتقۇن قىلىۋالغان شۋېتسارىيەلىك ئەر-ئايالنىڭ قۇ...
ھىندونېزىيە 2004-يىلدىكى ھىندى ئوكيان دېڭىز شاۋقۇنىنىڭ 7 يىلل...
89ياشقا كىرىپمۇ پاراشوت بىلەن سەكرەشنى داۋام ئېتىپ كەلگەن شا...