ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى ژۇرنىلىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،سۈرىيە دۆلەت ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى نۆۋەتتە ئاستىرتتىن سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە ياردەم بېرىش يوللىرى،ھەتتا سۈرىيىدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسسىس قىلىش ئۈستىدە مۇزاكىرلەشكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە،ئامېرىكا پارلامېتىدىكى كۆپ قىسىم پارلامېنت ئەزەلىرى ئوبامانى ئىنكاسى ئاستا بوپ قالدى ،تۈركىيە، فىرانسىيە ۋە ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاللىبۇرۇن تەدبىر قوللاندى،ئەمما ئامېرىكا ئۇلارنىڭ كەينىدە قول قوشتۇرۇپ تۇردى دەپ تەنقىدلىگەن.ئەمما ئاقساراي ئەمەلدارلىرى ئۆزىنى ئاقلاپ،ئۆزلىرىنىڭ ھازىر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەركەت قوللىنىۋاتقانلىقىنى، سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،ئىمكانقەدەر ئاۋۋال ئەھۋالنى ئېنىق چۈشىنىپ بېقىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەرگە قارىغاندا،ئاقساراي سىياسەت بەلگىلىش ئورنى ئاللىقاچان سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرۇلۇق كېڭىشىشكە باشلىغان.ئىككى نەپەر ئاقساراي ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە،ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتىتى ئاللىقاچان بىر تۈرلۈك بىرەسمى تەرتىپنى قانات يايدۇرۇپ،سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە ياردەم بېرىش يوللىرى ھەققىدە مۇزاكىرلەشكەن.نۇرۇن ئەمەلدارلارنىڭ قارىشىچە،پەقەت ئىقتىسادى جازاغىلا تايىنىپ ئاسادىنى تەختتىن چۈشۈرگىلى بولمايدىكەن،شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم نۇقتا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە بىۋاستە ياردەم بېرىش ئىكەن.
بۇ ئىككى نەپەر ئەمەلدارنىڭ ئاشكارلىشىچە،بۇ تەرتىپكە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتىتىنىڭ مەسئۇلى سىمون رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ،دۆلەت ئىشلىرى كومىتىتى،دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى،مالىيە مىنىستىرلىكىدىن تاللانغان ناھايىتى ئاز ساندىكى ئەمەلدارلار قاتناشقان.ئۇلار،ئامېرىكا تەرەپنىڭ نۆۋەتتە كېڭىشىپ تۈركىيە -سۈرىيە چېگرىسىدا ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى ياكى بىخەتەرلىك رايونى تەسسىس قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاشكارلىغان،بۇ سۈرىيە چېگرىسىدا ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسسىس قىلىشدىن دېرەك بېرىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا،تاللاش يەنە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىش،سۈرىيىنى تېخىمۇ كۆپ داۋالاش ياردىمى بىلەن تەمىنلەش،سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ سۆزلىشىش،خەلقئارا ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى تەشكىللەش ۋە بۇ كومىتىتنىڭ ھەيئەتلىرىدىن بىر كىشىنى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىپ سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن بولغان ئومۇمىي ئىشلارغا مەسئۇل قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.