كورىيە:چاۋشىيەنگە بولغان ئاساسى مەيدانىمىز مەڭگۇ ئۆزگەرمەيدۇ

0 2011-12-31 12:39:51   سوخۇ تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا،چاۋشىيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى 30-دېكابىر ئىلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن:چاۋشىيەن مەڭگۇ لى مىڭبو ھۆكۈمىتى بىلەن ھەرگىز ئالاقە قىلمايدۇ،شۇنداقلا كورىيەنىڭ چاۋشىيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىلغا تەزىيە بىلدۇرۇش مەسىلىسىدە قوللانغان تەدبىرىنى تەنقىد قىلىدۇ.كورىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى:چاۋشىيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ باياناتى بىزنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۇردى.
    كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۇرگەن: چاۋشىيەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات مەزمۇنلىرى ۋە ئىشلەتكەن سۆز-ئىبارىلىرى كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۇرىدۇ.ئەمما كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسى مەيدانى تەسىرىگە ئۈچرىمايدۇ،كورىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە چاۋشىيە كورىيە جىددىي كەيپىياتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ شۇنداقلا سۆزلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.
    ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۇردى:چاۋشىيەن مۇقىملىقنى بالدۇراق ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە مۇھتاج،چاۋشىيەن كورىيە مۇناسىۋىتى داۋامىدا قۇرۇلۇش خارەكتىرلىك پوزىتسىيەنى ئوتتۇرغا ئېلىپ چىقىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博