بېيجىڭ سەھەر گېزىتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا،12-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈش سائەت 11دە،خېبىيلىق 27نەپەر ساياھەتچى تىيەنجىندىكى تاڭگۇ پورتىدىن پاراخوتقا ئولتۇرۇپ كورىيىگە ساياھەتكە ماڭغان.يېتىپ بارغاندىن كېيىن،ساياھەت ئىدارىسى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆچمەنلىك خاھىشى بارلىقىنى بايقاپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان.كورىيە ساقچى تەرەپ ئۇلارنى 12سائەتتىن ئارتۇق قاماپ قويغان.ئاخىرىدا بۇ 27نەپەر ساياھەتچى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن.بۇ قېتىملىق ساياھەتكە مەسئۇل بولغان بېيجىڭ يۈەنفېڭتوڭ خەلقىئارالىق ساياھەت ئىدارىسى كاپالەت پۇلى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كورىيە تەرەپ ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلغان.
شىڭتەي شەھىرىدىكى جىنشىيۇ ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مېييىڭخۇڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە،بۇ 27 نەپەر ساياھەتچىنىڭ ھەممىسى شىڭتەي شەھەرلىك نەنخې ناھىيىسىدىكى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا شىركىتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەن.خىزمەتچىلەرگە يىللىق مۇكاپات شەكلىدە كورىيىگە ساياھەتكە ئاپىرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.جىنشىيۇ ساياھەت ئىدارىسىنىڭ چېگراسىرتى ساياھىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سالاھىيىتى بولمىغانلىقتىن،بېيجىڭ يۈەنفېڭتوڭ خەلقىئارالىق ساياھەت ئىدارىسىغا ھاۋالە قىلغان.
مېي لىدىرنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە،بېيجىڭ يۈەنفېڭتۇڭ ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن،ئۇلار پۇل تاپشۇرۇش ۋە كاپالەت بېرىش رەسمىيەتلىرىنى دەل ۋاقتىدا بېجىرگەن.ساياھەتچىلەر كورىيىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇلار تۇيۇقسىز تېلىفۇن قىلىپ،ساياھەتچىلەرنىڭ كۆچمەنلىك خاھىشى بارلىقىنى ئېيتقان.ئىلگىرى ساياھەتچىلەرگە بىجىرىپ بەرگەن كاپالەت بېرىش رەسمىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان،ھەمدە ئۇلارغا 500مىڭ يۈەن كاپالەت پۇلى ئەۋەتىپ بېرىشنى ،ئەگەر پۇلنى ئەۋەتمىسە يولۇچىلارنىڭ پاراخوتتىن چۈشەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مېي دېرىكتورنىڭ ئېيتىشىچە،بىز بېيجىڭدىكى ئۇ ساياھەت ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىش جەريانىدا،ئاستا-ئاستا توزاققا چۈشۈپ قالغاندەك ھېس قىلغان.12-چېسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن ئاشقاندا،يولۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشالمىغان.13-چېسلا ئەتىگەن سائەت 8دىن ئاشقاندا،مېھمانلار تېلىفۇن قىلىپ نەزەربەند ئاستىدا قالغانلىقىنى ئېيتقان.
كۆپ تەرەپلىمە كېلىشتۈرۈش ئارقىلىق،ساياھەت گۇرۇپپىسى ئەڭ ئاخىرى 15-كۈنى سەھەر سائەت 3تە تىيەنجىنگە قايتىپ كەلدى.ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ،يۈەنفېڭتۇڭ خەلقىئارالىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى يوقاپ كەتكەن.ئىككى نەپەر ساياھەتچى روھىي جەھەتتىن تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن،تىيەنجىنگە بارغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە،چېڭ ئەپەندى باشچىلىقىدىكى27نەپەر ساياھەتچى قانۇن ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىماقچى بولۇپ،ئالاقىدار ئادۋۇكاتلار بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلشقا كىرىشكەن.