شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى،كورىيەلىك 2نەپەر دېڭىز ساقچىسى نىشىئۇمى دېڭىزىدا قانۇنسىز بېلىق تۇتقان جۇڭگونىڭ بېلىقچىلىق كېمىسىنى تۇتۇۋالغاندا جۇڭگولۇق پاراخوت خادىمى ئەينەك پارچىسىنى ئۇلارغا تىقىۋەتكەن بولۇپ،ساقچى باشلىقى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىش جەريانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان،يەنە بىرسى يارىلانغان.سۈرەتتىكىسى دېڭىز ساقچىسىنىڭ جەسىتى خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن ئىنچوندىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىكى كۆرۈنۈش.
بىر نەپەر كورىيە ساقچىسىنىڭ خۇاڭخەي دېڭىزىدا جۇڭگو بېلىقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇش جەريانىدا ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەسى كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان.كورىيە تەرەپ ئاللىقاچان ‹‹ئىشەنچىلىك››ئىسپاتلارغا ئېرىشىپ بولغانلىقىنى،‹‹قاتىللىق جىنايىتى ››ۋە‹‹ئالاھىدە دۆلەت خىزمىتىنى ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى››بىلەن تۇتۇلغان جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ كېمە باشلىقىنى ئەرز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئېغىر جازادىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن،ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.
كورىيە بۈگۈنكى ئىقتىساد گېزىتىنىڭ 13-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،كورىيە ساقچى تەرەپ جۇڭگونىڭ 9نەپەر كېمە خادىمىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن،كېلە باشلىقى چېڭ داۋېينىڭ جىنايىتى ‹‹ئادەم ئۆلتۈرۈش››ۋە‹‹دۆلەت خىزمىتىنى ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش››،قالغان 8نەپەر پاراخوت خادىمىغا ‹‹دۆلەت خىزمىتىنى ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش ›› جىنايىتى ئارتىلغان.ئىنچون دېڭىز ساقچىلىرى ئاختۇرۇش بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئەن چېڭجىنىڭ ئېيتىشىچە،‹‹كورىيە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورنىنىڭ جەزملەشتۈرىشىگە ئاساسەن،ساقچى باشلىقى لى چىڭخاۋ كېمە باشلىقى چېڭ داۋېي قولىغا پىچاق ئېلىپ قورساق قىسمىغا سانجىشى سەۋەبىدىن قان كۆپ ئېقىپ چىقىپ كەتكەچكە ئۆلگەن دەپ دىئاگنوز قويۇلغان››.قاتىللىق قورالى بولسا پاراخوت بۆلمىسىنىڭ ئىچىدىكى بىر 25سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىچاق ئىكەن،ئەن جىچېڭ پاراخوت باشلىقى چېڭ داۋېي ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى،قامالغان قىسمەن جۇڭگونىڭ بېلىقچىلىق خادىملىرى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى دېدى.دوكلاتتا،چېڭ داۋېينىڭ ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشىدىن ‹‹ساقلانغىلى بولمايدۇ››دەپ قارىغان.
چاۋشىيەن كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 13-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،كورىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە،ئۆتكۈر قاتىللىق قورالى بىلەن دېڭىز ساقچىسىنى ئۆلتۈرۈشتىن ئۇنىڭ قەستەنلىكىنى ،ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە ناھايىتى ماس كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.چېڭ داۋېي يەنە يەنە بىر كورىيە دېڭىز ساقچىسىنى يارلاندۇرغان بولۇپ،قانداق جىنايەتكە ماس كېلىشىدىن قەتئىينەزەر ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.ىەۋەردە ئېيتىلىشىچە،باشقا جۇڭگولۇق پاراخوت خادىملىرى ناۋادا پەقەت قارشىلىق قىلغانلا بولسا دۆلەت خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن 5يىلدىن تۆۋەن قامىلىشى،ناۋادا پاراخوت باشلىقىنىڭ قاتىللىق قىلىشىغا ياردەملەشكەن بولسا،ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىدىكى ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.
كورىيىدە تۇرۇشلۇق بىر نەپەر جۇڭگولۇق ئانالىزچى 13-چىسلا يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدە سۆزلەپ،كورىيە ئۆلۈم جازاسىنى ئاللىقاچان بىكار قىلغان،نام جەھەتتە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنسىمۇ،ئادەتتە بىۋاستە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنمايدۇ دېگەن . چاۋشىيەن كۈندىلىك گېزىتى سۆزلەپ،بۇ يىل كورىيە تۇتۇپ تۇرغان 58نەپەر جۇڭگونىڭ بېلىقچىلىق خادىملىرىنىڭ تولىسى قويۇپ بېرىلگەن دېدى.