كورىيە ھۆكۈمىتى 26-دېكابىر ‹‹جۇڭگو بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش ھەرىكىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقۇتۇش ئۇنۋېرسال قارشى تەدبىرى››نى ئىلان قىلىپ،دېڭىز ساقچىلىرىغا تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنى كۆپەيتىپ بەرگەندىن سىرىت يەنە دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ جۇڭگو بېلىقچىلىرىنىڭ قانۇنسىز پائالىيىتىنى چەكلىگەن ۋاقىتتا ئوق چىقىرىشقا رۇخسەت قىلدى.كورىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتى 26-دېكابىر،2016-يىلىدىن بۇرۇن جەمئىي 932 مىليارد 400 مىليۇن ۋون مەبلەغ سېلىپ قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش پائالىيىتىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش خىزمىتىگە ئىشلىتىشنى بىردەك قارار قىلدى،بۇنىڭ ئىچىدە كېلەر يىلى ئېھتىياجلىق بولىدىغان 108 مىليارد 400 مىليۇن ۋون يىل ئاخىرىدىكى پارلامېنتتىن ئاجرىتىلىدۇ.
كورىيەنىڭ زۇڭلى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رېن جۇڭلۇڭ 26-دېكابىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۇۋاتقان بۈيۈك دۆلەت پارتىيىسى ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە يىغىندىن كېيىن مەزكۈر ‹‹ئۇنۋېرسال قارشى تەدبىر››نى ئىلان قىلدى.كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،كورىيە ھۆكۈمىتى قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى موھىم تېمىسى جۇڭگو ھوكۇمىتىنىڭ ئاكتىپ باشقۇرۇش ۋە نازارەت ئېلىپ بېرىشى،-دەپ قارىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن 27-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو كورىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستىراتىگىيىلىك سۆزلىشىشتە جۇڭگو بىلەن بۇ مەسىلىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىشنى قارار قىلدى.كورىيە ھۆكۈمىتى يەنە ھازىرىقى دېپلۇماتىيە يولىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ نازارات قىلىش لايىھىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو كورىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قاتناشقان يۇقىرى دەرىجىلىك دائىمىي ئورگان تەسىس قىلىشنى پىلانلىدى.
ئۇندىن باشقا كورىيە ھۆكۈمىتى يەنە كەلگۈسىدە كورىيەنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمى دېڭىز ساھىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 18 قوغلىغۇچى پاراخۇتنى 27 گە كۆپەيتىشنى پىلانلىدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2014-يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ھازىرىقى 18 دانە 10 مېتىر ئىگىزلىكتىكى تېز يۈرەر پاراخۇتنى يېڭى تىپتىكى تېز پاراخۇتقا ئالماشتۇرۇشنى پىلانلىدى.خەۋەرگە ئاساسلانغاندا،كورىيە ھازىر سەپلىگەن تېز يۈرەر پاراخۇت جۇڭگونىڭ بېلىقچى كېمىلىرىدىن كۆپ پاكار بولغانلىقتىن دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ بېلىقچى كېمىلىرىغا چىقىشىغا قولايسىزلىق كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ،ئاسانلا جۇڭگونىڭ كېمە خادىملىرى تەرىپىدىن يارلاندۇرۇلىدۇ شۇڭلاشقا جۇڭگونىڭ بېلىقچى كېمىلىرىدىن ئىگىزرەك بولغان تېز يۈرەر پاراخۇتقا ئالماشتۇرۇش كېرەك،-دەپ قارىغان.كورىيە ھۆكۈمىتى يەنە 119 نەپەر قوغلىغۇچى پاراخۇت مەشغۇلات خادىمى كۆپەيتىشنى شۇنداقلا 342 نەپەر دېڭىز ئۈستى ئالاھىدە ھەركەتچان خادىمىنىڭ ھەممىسىنى ئالاھىدە قىسىمدىن كەلگەن خادىملارغا ئالماشتۇرۇشنى پىلانلىغان.ئەڭ موھىمى كورىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى پەقەت تېز يۈرەر پاراخۇتقا ئولتۇرۇپ جۇڭگونىڭ بېلىقچى كېمىسىگە يېقىنلاشقان 8 نەپەر خادىم ئىچىدىكى ئىككى كىشىگە قورال تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان،ھازىر بولسا بۇ سەككىز كىشىنىڭ ھەممىسى قوراللانغان دېيىلمەكتە.‹‹قارشى تەدبىر››دە،دېڭىز ساقچىلىرى جۇڭگونىڭ بېلىقچى كېمىلىرى ۋە كېمە خادىملىرىنى تۇتۇش جەريانىدا ئەگەر ھاياتى تەھتىتكە ئۈچرايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلسا ياكى ھۆكۈمەت ئىشىنى ئىجرا قىلىشقا ئامالسىز قالغاندا دەرھال قورال ئىشلەتسە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
‹‹قارشى تەدبىر››دە يەنە جۇڭگونىڭ بېلىقچى كېمىلىرىنى جازالاش سالمىقىنى زور نىسپەتتە ئۆستۇرۇش قارار قىلىندى.مەسلەن قانۇنسىز بېلىق تۇتقان كېمىلەرگە قويۇلىدىغان جەرىمانىنىڭ يۇقىرى چېكى 100 مىليۇن ۋوندىن 200 مىليۇن ۋونغا ئۆستۇرۇلدى.ئەگەر بۇرۇن تۇتۇپ قويۇپ بېرىلىپ كېيىن قايتا يەنە تۇتۇلۇپ قالسا جەرىمانە سومىسى بىر يېرىم ھەسسە ئۆستۇرۇلىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ