2011-يىلى مەملىكەت بويىچە ج خ ئورگانلىرىنىڭ مەخسۇس زەربە بېرىش-تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىدىن ئومۇمىي بايان

02011-12-24 12:59:07   خەلق تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

2011-يىلى مەملىكەت بويىچە ج خ ئورگانلىرىنىڭ مەخسۇس زەربە بېرىش-تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىدىن ئومۇمىي بايان

  «ئازگال مېيى» جىنايىتىنىڭ زىيىنى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، رەزىللىكتە ئۇچىغا چىققان نەچچە ئون مىڭ جىنايەتچى قانۇن تورىغا ئېلىندى، ئون ئۆلكىنىڭ ج خ ئورگانلىرى بالىلارنى ئالداپ ساتقان پەۋقۇلئاددە چوڭ ئىككى جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنى بىتچىت قىلىپ، 178 بالىنى قۇتقۇزۇۋالدى... يىل ئاخىرىدا، خەلق كۆڭلى تەسكىن تاپىدىغان خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كەلدى. بۇلار پەقەت ج خ ئورگانلىرى 2011-يىلى مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرغان بىر قاتار مەخسۇس زەربە بېرىش-تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىدە قازانغان نەتىجىلەرنىڭ ئىخچام بىر كۆرۈنۈشى ھېسابلىنىدۇ.

  "پۇقرالار نېمىگە ئەڭ نەپرەتلەنسە بىز شۇنىڭغا زەربە بېرىمىز، پۇقرالارنىڭ نېمىگە ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولسا بىز شۇنى تەرتىپكە سالىمىز!" 2011-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى ۋە كەڭ ج خ ساقچىلىرى مانا بۇ نىشاننى چۆرىدەپ، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن پارتىيە ۋە خەلقنى باشتىن-ئاخىر قەلبىدە ئەڭ ئالىي ئورۇنغا قويۇپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئامانلىققا، مۇقىملىققا ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتەك ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جەڭسېرى ئاتلىنىپ، قاتتىق جەڭلەرنى قىلىپ، ج خ تورىدا ئېلان قىلىنغان قاچقۇن جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتى، ساختا بۇيۇملارنى ياساش-سېتىشقا زەربە بېرىش «شەمشەر» ھەرىكىتى، «تۆت قارىغا زەربە بېرىش، تۆت زىيانداشنى يوقىتىش» ھەرىكىتى، قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش، بالىلار ۋە ئاياللارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىگە زەربە بېرىش، تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش جىنايىتى بويىچە تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق بىر قاتار مەخسۇس زەربە بېرىش-رەتكە سېلىش ھەرىكەتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ بېشىدىكى ئاپەتنى يوقىتىش، خەلقنىڭ ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىق ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىنى قولغا كەلتۈردى.

( خەلق گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ چىڭچاڭ؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر