بېيجىڭدا پويىز بېلىتى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن سېتىلىدۇ

0 2011-12-24 12:57:13   خەلق تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭدا پويىز بېلىتى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن سېتىلىدۇ

بېلەتنى توردا زاكاز قىلىشقا، ئېلېكترونلۇق ئۆزگەرتىشكە، قايتۇرۇشقا بولىدۇ
  «خەلق گېزىتى»نىڭ 20-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسدىن ئىگىلىشىچە، 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پويىز بېلىتىنى ھەقىقىي ئىسىم بويىچە سېتىش تۈزۈمى يولغا قويىلىدىكەن.بۇ 2011-يىلى 2012-يىلى 22-دېكابىردىن باشلاپ، تېلفوندا بېلەت زاكاس قىلىدىغان، 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ تور، ۋاكالىتەن سېتىش ئورنى، ۋوگزالدىكى بېلەت سېتىش ئورۇنلىرىدا بېلەت سېتىۋالىدىغان يولۇچىلارنىڭ چوقۇم ئىناۋەتلىك كىملىكىنىڭ بار بولۇشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يولۇچىلار توردا بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن، قەغەز پويىز بېلىتىنى تېخى قولىغا ئالمىغانلار تور بېكەتتە تۆمۈر يول ئېلېكترونلۇق بېلىتىنى ئۆزگەرتىش، قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى بىجىرسە بولىدىكەن. ئەمما، بۇ رەسمىيەتلەرنى پويىز قوزغىلىشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن بېجىرىپ بولۇشى كېرەك ئىكەن. قەغەز بېلەتكە ئالماشتۇرۇپ بولغانلار، بېلەتكە ئالماشتۇرغان ۋوگزال ياكى پويىز قوزغىلىدىغان ۋوگزالدا رەسمىيەت بىجىرسە بولىدىكەن، توردا ياكى ۋوگزال كۆزنىكىدە سېتىۋالغان بېلەت بولسۇن، پەقەت بىرلا قېتىم ئۆزگەرتىشكە، قايتۇرۇشقا بولىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يولۇچىلار 95105105 دېگەن نومۇرغا تېلېفون قىلىپ بىۋاسىتە بېلەت زاكاس قىلسا بولىدىكەن. بېلەت زاكاس قىلىش سىسىتېمىسى ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 6 دىن 23 كىچە ئېچىلىدىغان بولۇپ، پەقەت مەزكۇر رايوندا سۆزلىشىش ھەققىلا ئېلىنىدىكەن.

 (لۇ يانەن، ياڭ چۈنيەن خەۋىرى)

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر