20-دېكابىر سائەت 21:35 دە ، قەشقەرنىڭ پوسكام ، يېڭىسار ، مەكىت قاتارلىق ناھىيەلىرىدىن كەلگەن 247 نەپەر دېھقان ئىشلەمچى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا بەش سائەتكە يېقىن توختىغاندىن كېيىن 1086–نۆۋەتلىك پويىزغا چىقتىپ جىنەنگە يۈرۈپ كەتتى .
ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئىچكىرىگە ئەۋەتكەن ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى بولۇپ، جىنەنگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ، چىڭداۋدىكى بىر ئېلېكتىرون شىركىتىگە بېرىپ بىر يىل شۇ يەردە ئىشلەيدۇ .
پوسكام ناھىيەسىدىن چىڭداۋغا 2-قېتىم ئىشلىگىلى ماڭغان مۇھەممەد تۇرسۇن مۇنداق دېدى:زاۋۇتنىڭ شارائىتى ياخشى ، شۇڭا بۇ قېتىم ئايالىمنىمۇ ئېلىۋالدىم،- دېدى بۇلتۇر ئۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشى 2500 يۈەن بولغان ئىدى .
ھۆكۈمەت خەنزۇتىلى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا ھەقسىز تەشكىللەش، ئىشلەيدىغان كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېرىش ، بېلەت ئېلىپ بېرىش، يولدا ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان خادىم تەشكىللەش ، شۇنداقلا ئىشچىلارنىڭ زاۋۇتتىكى تامىقى، ياتىقى ھەقسىز بولۇشتەك مۇشۇنداق ئۆزى غەم قىلمىسىمۇ بولىدىغان ياخشى پۇل تېپىش پۇرسىتىدە، مۇھەممەد تۇرسۇنئايالى تۇرسۇنگۈل ئاۋۇتنىمۇ ئۆزى بىلەن بىرگە بېرىپ ئىشلەشكە ئېلىۋالغانىدى. بۇ قېتىم پوسكامدىن ئىشلىگىلى ماڭغانلار ئىچىدەئۇلارغا ئوخشاش ئەر-خوتۇنلاردىن يەتتە جۈپ بار.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يۈنخۇانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، كۆپ يىللاردىن بۇيان يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش خىزمىتىنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ، ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى سىياسەت ، تەشۋىقات جەھەتتە يېتەكلىگەندىن باشقا، ئەمگەك كۈچلىرى ئارىسىدىكى ئاغزاكى تارقىتىش ، ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەر ئەمەلىي قايىل قىلىش كۈچى بولۇپ، ناھايىتى ياخشى تەشۋىقاتقا ئايلانغان.
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەش ئەھۋالى بۇرۇنقى يىللارنىڭكىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، جەمئىي 2 مىليون 200 مىڭ ئادەم يۆتكەلگەن بولۇپ، بۇ يىللىق ئەسلىدىكى پىلان 1 مىليون 800 مىڭ ئادەمدىن ئاشۇرۇپ يۆتكىگەن، 5 مىليارد يۈەن ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى ياراتقان، بۇنىڭ ئىچىدە 150 مىڭ ئادەم ئىچكىرىگە بېرىپ ئىشلەپ كەلگەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ