ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى 19-دېكابر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامىرىكا، ياپونىيە ۋە ھىندىستان شۇ كۈنى ۋاشىگتوندا تۇنجى قېتىم ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە رايون ۋە يەرشارى خاراكتىرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئېلىپ باردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە ئامىرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى روبىرت . بۇلاك ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىنىڭ ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كۇرد . كابىر بىلەن ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلدى.
باياناتتا بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە پۈتۈن يەرشارىدىكى ئورتاق قىممەت قارىشىغا ۋە مەنپەئەتكە ئىگە بولغان ئامىرىكا، ياپونىيە ۋە ھىندىستان ئارىسىدىكى بىر قاتار كېڭەشلەرنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىلىدۇ دېيىلدى.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئۈچ تەرەپ 2012-يىلى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈپ داۋاملىق كېڭەش ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلدى.
شۇ كۈنى ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى گېنباكوچىرو بىلەن ئامىرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى . كلىنتون ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئېلىپ باردى. گېنباكوچىرو سۆھبەتتىن كېيىن، ئامىرىكىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان ستراتىگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.