ياپونيە جۇڭگونىڭ 10مىليارت ئامېرىكا دوللىرىلىق زايومىنى سېتىۋېلىش ئويى بارلىقىنى جاكارلىدى

02011-12-22 10:36:31   شىنخۇا تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  ياپونيە مالىيە ۋەزىرى ئەن جۇچۈن 20-چىسلا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ياپونيىنىڭ نۆۋەتتە جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى،جۇڭگونىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 10مىليارت ئامېرىكا دوللىرىلىق زايومىنى سېتىۋېلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

  ‹‹ياپونيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى››نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ياپونيە بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئېھتىمال 25-چىسلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا بۇ ئىشتا بىرلىككە كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.ئەن جۇچۈننىڭ ئېيتىشىچە،ياپونيە باش ۋەزىرى يتيەن جيايەن جۇڭگونى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە جۇڭگو ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ ئىش توغرىسىدا كېڭىشىدىكەن،ئەمما ياپونيە ھۆكۈمىتى ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقارمىغان.

  بۇ يىل 9-ئايدا ،مالىيە باش ۋەزىرلىكىنى ئۆتەۋاتقان يتيەن جيايەن ئىپادە بىلدۈرۈپ،جۇڭگونىڭ نۆۋەتتە ياپونيىنىڭ زايومىنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى ،شۇڭا ياپونيىنىڭمۇ جۇڭگو زايومىغا مەبلەغ سېلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

  بۇ يىل 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە،ياپونيە ساقلاۋاتقان   تاشقى پىرىۋوت زاپىسى 1تىرىلىيون 300مىليارت ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ،تاشقى پېرىۋوت زاپىسى جۇڭگودىن كېيىنلا تۇرۇپ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى تۇرغان،بۇنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا دوللىرىلىق مۈلۈك.ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە،ياپونيىنىڭ خەلق پۇلى بويىچە ھېساپلانغان جۇڭگو زايومىنى سېتىۋېلىشى ياپونيىنىڭ تاشقى پىرىۋوتىنىڭ كۆپ خىللىلىشىغا ،شۇنداقلا خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا پايدىلىق ئىكەن.