[‹‹ھىندىستان تىز خەۋەرلەر ››تورىنىڭ 20-چىسلادىكى خەۋىرى]ماۋزۇسى:ھىندىستان بىلەن جۇڭگو 1-ئايدا سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ
ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە بىكار قىلىنغان جۇڭگو-ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى كېيىنكى ئايدا قوزغىتىلىدۇ.
بېيجىڭ كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى،يېڭى دېھلى نۆۋەتتە كونكىرت ۋاقتىنى ئويلىشىۋاتىدۇ
ئېيتىلىشىچە،ھىندىستان بىلەن جۇڭگو دالاي مەسىلىسىنى ئىككى تەرەپ چېگرا مەسىلىسىگە سۆرەپ ئەكىرمەسلىككە قوشۇلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇنراق سۆھبەتلىشىش قارارىغا كەلگەن.
چېگرا سۆھبىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن،ئىككى تەرەو دەرھال تەدبىر قوللىنىپ زىيىنىنى ئازايتقان.ئىككى دۆلەت مۇداپىئە يىغىنى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلگەن،جۇڭگو تەرەپ ۋەكىللىرى بۇ سۆھبەتتە بىر قەدەر ئاكتىپ بولغان.بۇ ئىككى تەرەپ چېگرا سۆھبىتى ئۈچۈن ئاساس سالغان.
چېگرا سۆھبىتى ھىندىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى مېينوڭ بىلەن جۇڭگو دۆلەت ئىشلىرى كومىتىتىنىڭ ئەزاسى دەي بىڭگو ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزىلىدىكەن.سۆھبەت مەزگىلىدە بىر تۈرلۈك مۇھىم كېلىشىملەرنى ئىمزالاپ،يېڭىدىن چېگرا باشقۇرۇش مىخانىزىمى ئورنىتىدىكەن.
بۇ مىخانىزىمنىڭ مەقسىتى يېڭى دېھلى بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدا بىۋاستە ئالاقە ئورنىتىش،‹‹ئەمەلىي كونتىرول سىزىقى››بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىپ،مەسىلىنىڭ دىققەتكە ئېرىشىشىگە شۇنداقلا زۆرۈرىيىتى يوق ئاۋارىگەرچىلىكلەردىن ساقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش.ھازىرقى ئالاقە مىخانىزىمى ئاساسلىقى شۇ جاينىڭ قوماندانلىرى ئارىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش يولىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىككى تەرەپ ئاللىقاچان بۇ تۈرلۈك كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى بېكىتىپ بولغان.كېلىشىم مۇشۇ يىل 4-ئايدا ھىندىستان زۇڭلىسى سېنگى بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ سەنيادا ئۆتكۈزۈلگەن ئالتۇن كېسەك بەش دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا بىردەك سىياسى قاراشقا كەلگەندىن كېيىن قوزغىتىلغان.
يىللىق كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەرنى باھالاشتا ل...
كورىيە ئارمىيە تەرەپنىڭ جىددى ھالەت يۇرگۇزگەندىكى سۇرەتلىر...
كىرزىس زەربىسىدە گرېتسىيەدىكى ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى ياۋروپا بو...
فىلىپپىن زۇڭتۇڭى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ‹‹ئاپەت ھالىتى››گە كىرگ...
ئوباما بىلەن بايدىن ‹‹ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تە...
ئوكرائىنانىڭ كىيېۋ شەھىرىدىكى ھەربىي ساھىبجاماللارنى تالل...