
جۇڭگو ئېنېرگىيە باش ئىدارىسى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،11-ئايدا پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە ئىجتىمائىي توك ئىشلىتىش مىقدارى 383 تىرىليون 600 مىليارد كىلوۋات سائەت بولغان،ۋە ئالدىنقى يىلى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %9.91 ئاشقان.
سانلىق قىممەتتە كۆرسىتىلىشىچە،1-ئايدىن 11-ئايغىچە،مەملىكەت بۇيىچە ئىجتىمائىي توك ئىشلىتىش مىقدارى 4283 تىرىليون 500 مىليارد كىلوۋات سائەت بولغان ۋە ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.85 ئاشقان،بىرىنچى كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 94 تىرىليون 500 مىليارد كىلوۋات سائەت بولغان،ۋە %3.77 ئاشقان؛ئىككىنچى كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش ئومۇمى مىقدارى 3206 تىرىليون 500 مىليارد كىلوۋات سائەت بولغان،ۋە %12.13 ئاشقان؛ئۈچىنچى كەسىپنىڭ ئومۇمى توك ئىشلىتىش مىقدارى 465 تىرىليون 800 مىليارد كىلوۋات سائەت بولغان،ۋە %13.74 ئاشقان؛شەھەر بازارلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىشلەتكەن توكنىڭ ئومۇمى مىقدارى 516 تىرىليون 700 مىليارد بولغان ۋە ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.05 ئاشقان.
1-ئايدىن 11-ئايغىچە،مەملىكەت بۇيىچە توك تارقىتىش ئومۇمى ئوتتۇرىچە ئىشلىتىش مىقدارى 4353 سائەت بولغان،ۋە ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 80 سائەت ئاشقان.بۇنىڭ ئىچىدە سۇ ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە توك ئىشلىتىش مىقدارى 2871 سائەت بولغان ۋە 373 سائەت كېمەيگەن؛توك ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلىتىلىش مىقدارى 4822 سائەت بولغان ۋە 246 سائەت ئاشقان.
1-ئايدىن 11-ئايغىچە،مەملىكەت بۇيىچە توك مەنبەسى ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ 309 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولغان،بۇنىڭ ئىچىدە،سۇ ئېلىكتىر ئىشلىرى ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ 78 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولغان،ئوت ئېلىكتىر ئىشلىرى ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ 91 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولغان،يادرو ئېلىكتىر ئىشلىرى ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ 65 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولغان،شامال ئېلېكترى ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ 64 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولغان