بىر سەرگەردان ئەر دوختۇرخانا ئالدىدا مۇزلاپ ئۆلۈپ قالدى

02011-12-15 12:21:45   خەلىقئارا تور لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
يېقىندا،تورداشلار توردا بىر سەرگەرداننىڭ لەنتىيەن ناھىيىسى خۇادەن بازارلىق شىپاخانا دەرۋازىسى ئالدىدا توڭلاپ ئۆلۇپ قالغانلىقىنى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئىلان قىلدى.بۇ خەۋەرنى ئىلان قىلغان تورداش شۇ يەردىكى بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە ساقچىخانىغا تېلېغۇن بەرگەن ئەمما قارشى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.نۇرغۇن تورداشلار بۇ خەۋەرنى كۆرۇپ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قىلمىشىدىن ئاچچىقلانغان.
   تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن شەنشى ئۆلكىسى لەنتىيەن ناھىيىسى خۇادەن بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە ساقچىخانا مۇخبىرغا سەرگەردان ئەرنىڭ توڭلاپ ئۆلگەنلىكى ئىشنىڭ راسىت ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن،ئەمما ئىككىلا ئورۇن ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى.ئۇلار بىز ئەزەلدىن بۇ ئىش ئىنكاس قىلىنىپ بېرىلگەن تېلېفۇن تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق،-دېدى.
11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە تورداش ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 6 قېتىم بۇ سەرگەردان ئەرنىڭ تۇرمۇشى توغرىسىدا سۈرەتلەرنى تورغا چىقارغان،ئۇنىڭ ئۆلۇش جەريانىمۇ توردا بېۋاستە قويۇلغان.
   11-ئاينى 14-كۈنى سائەت 14:47 دە،تورداش ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم توردا بۇ توغرىسىدا خەۋەر يوللاپ سەرگەردان ئەرنىڭ توڭلاپ ئۆلۇپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
   بازارلىق ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى:بازارلىقتا خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسى بار،ئەگەر ھۆكۈمەت ئاممىنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدىكى ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسا چوقۇم ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغان بولاتتى،يەنە كېلىپ بۇ ئانچىمۇ قېيىن مەسىلە ئەمەس ئىدى.بازارلىق ھۆكۈمەت تۇنجى ۋاقىتتا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئالاقىدار ئورۇنلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.