برازىلىيىدە ئالاھىدە چوڭ قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ36ئادەم ئۆلدى

0 2011-12-05 10:59:53   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    بىرازىلىيىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمدىكى باخىيە ئوبلاستىدا 3-چىسلا بىر قېتىملىق ئالاھىدە چوڭ قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ،ئاپتوبۇس،يۈك ماشىنىسى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى 3ماشىنا ئۆز ئارا سوقۇشقان بولۇپ،ھازىرغىچە 36ئادەم ئۆلۈپ،10دىن ئوشۇق ئادەم يارىلانغان.ئۆلگۈچىللەرنىڭ ھەممىسى ئاپتوبۇستىكى يولۇچىلار  ئىكەن.

    شۇ جايدىكى ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا،شۇ يەر ۋاقتى 3-چىسلا سائەت0دىن30مىنۇتلار ئەتراپىدا،باخىيە ئوبلاستىنىڭ غەربىي جەنۇپ قىسمىدىكى مىلاگىرىس شەھىرىدىكى ئوبلاست تاشيولىدا ،ۋەقە تۇغدۇرغان يۈك ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى يولنىڭ بىر ئەگرى بۆلىكىگە كەلگەندە زورمۇزور ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ،بۇ پاجىئەلىك ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .

    خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا،36نەپەر ئۆلگەن يولۇچىنىڭ كۆپچىلىكى شىمالىي قىسىمدىكى ھەر قايسى ئوبلاستلارنىڭ شىكەر قومۇشى ئورۇشىغا ياردەملەشكىلى ماڭغان يېزا ئەمگەك كۈچلىرى ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博