يېقىندا ئېلان قىلىنغان ‹‹2011 – يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ باھالاش ئەھۋالى ئۇقتۇرۇشى››غا ئاساسلانغاندا، بۇ يەتتە قۇرۇلۇشتا ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەر قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ سۈپەت كاپالىتى سىستېمىسى مۇكەممەل بولماي، قۇرۇلۇش ئۈنۈملۈك ئايلىنالماسلىق؛ قۇرۇلۇش قىلىش تېخنىكا ماتىرېياللىرى مۇكەممەل بولماسلىق، قۇرۇلۇش ئەمەلىي گەۋدىسىنىڭ سىرتقى سۈپىتى ناچارراق بولۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىقلار.
ئۇقۇشۇمچە، ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىش باش پونكىتى 4 – ئايدىن باشلاپ ئۈچ باھالاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە 28 ناھىيە(شەھەر)، رايونلۇق نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى باھالىغان، باھالاش مەزمۇنى ئاساسلىقى قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش ئەمەلىي گەۋدىسى سۈپىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 89 تۈر قۇرۇلۇشىنى تاللاپ تەكشۈرگەن، بۇ 67 قۇرۇلۇش كارخانىسى، 49 نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كارخانىسى، 31 ئۆلچەش ئاپپاراتىغا چېتىلىدىكەن، قۇرۇلۇش كۆلىمى 890 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىش باش پونكىتى جايلاردىن ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى تېزدىن تاماملاپ، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان سۈپەت مەسىلىلىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل سۇبىكىتلارنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.
فېلىپىنىڭ سەنباۋيۈەندىكى بىر مېھمانخانىدا بومبا پارتىلاش ۋ...
ئامېرىكىلىق قىز شەكىل ئۆزگەرتىش دوختۇرى تەرىپىدىن ئالدىنىپ...
ئەنگىليىنىڭ دېيىشىچە ئىران چوقۇم بۇ قېتىمقى كونسۇلخانىغا ھ...
بېلىقچى 4سائەت تىركىشىپ يۈرۈپ 127كىلو كېلىدىغان غايەت زور بېل...
ئەنگىلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسى كېمىسىنىڭ ئاسما كۆۋرۈ...
مايكىل.جېكسوننىڭ خۇسۇسىي دوختۇرى موررى 4 يىللىق قاماق جازاس...