ئەنگىلىيە‹‹كۈندىلىك تېلىگرامما››گېزىتىنىڭ 24-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،ياپونيىنىڭ شەرقىي شمالىي قىسم رايونىدا9بال يەر تەۋرىگەندىن 9ئاي كېيىن،پايتەخت توكيو شەھەرلىك ھۆكۈمەتمۇ مۇشۇ خىلدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ئىشلەشكە باشلىدى.توكيو شەھەرلىك ھۆكۈمەت شۇ يەردىكى شىركەت ۋە تەشكىلاتلاردىن يېمەكلىك،سۇ،ئەدىيال قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى زاپاس ساقلاشنى،كەلگۈسى 20يىل ئىچىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
يەر تەۋرەش مۇتەخەسسىسىلىرى ئاگاھلاندۇرۇپ،توكيو ھەر 70يىل ئەتراپىدا بىر قېتىم چوڭ يەر تەۋرەشنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ ، ئالدىنقى قېتىملىق يەر تەۋرەش 1923-يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ،105مىڭ ئادەم ئۆلگەن.3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن ،توكيو شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىزچىل ھالدا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئە كۆرۈش لاھىيىسىنى يېڭىلاۋاتىدۇ، شۇنداقلا يېڭى يىلدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،ھەر قايسى شىركەتلەردىن خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن 3كۈن يەتكۈدەك جىددىي قۇتقۇزۇش ئاشلىقىنى زاپاس ساقلاشنى تەلەپ قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا،توكيودىكى شىركەتلەردىن خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن پاناھلىنىش ئورنى تەمىنلەش تەلەپ قىلىنىشى،شۇ ئارقىلىق ئاپەت يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئۆيىگە قايتمىسىمۇ بولىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇمكىن.3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئېرىشكەن ساۋاق شۇ بولدىكى،ئاممىۋى قاتناش سېستىمىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى بىلەن ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ.ياپونيە ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پىروفىسورى شىگورۇ ئىتو سۆزلەپ:2030-يىلىغا بارغاندا توكيودا %70يەر تەۋرىشى مۇمكىن،بىز ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى تىزلىتىشىمىز كېرەك دېدى.
ياپونيە ئالىملىرىنىڭ تەقلىدى نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا،ناۋادا چۈشتىن كېيىن سائەت 6لەر ئەتراپىدا توكيو قولتۇقىدا 7.3نال يەر تەۋرىسە بۇنىڭ تەسىرى مۇنداق بولىدۇ:توكيونىڭ 23رايونىدىكى%25ئىمارەت ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ،23مىڭ ئادەم ئۆلۈپ145مىڭ ئادەم يارىلىنىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە 22مىڭ ئادەم ئېغىر يارىلىنىدۇ
ھەمبەھىرلىنىڭ