سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ- مەملىكەتلىك كومىتېت زۇڭتۇڭ بەشىر ئاساد تەختتىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن 18 ئاي داۋاملىشىدىغان ئۆتكۈنچى مەزگىل توغرىسىدىكى پىلانىنى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر كومىتېت بۇ يىل 9-ئايدا ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 260 ئەزاسى بار. بۇ سىياسىي پىلان بويىچە، «ئەگەر بەشىر ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلسا»، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن»، مەزكۇر كومىتېت ھەربىي تەرەپنىڭ ياردىمىدە بىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلىدىكەن.
بەشىر كېلەر يىلنىڭ باشلىرىدا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يەنە يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، مەملىكەتلىك كومىتېت: ئاساد جەمەتى بۇ دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقىلى 41 يىل بولدى. شۇڭا، دېموكراتىك تۈزۈمگە ئۆتۈش ئۈچۈن، بەشىر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ بارلىق تەسىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاندىن مىللىي يارىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك، دېدى.
مەزكۇر كومىتېت: يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ھەم ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۆتكۈنچى مەزگىلدە، بىر يىل ئىچىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىدە سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەم سايلام ئارقىلىق «دۆلەت قۇرۇش پارلامېنتى» قۇرۇلىدۇ. كېيىنكى ئالتە ئايدا يەنە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، دېدى.
بۇ پىلاندا يەنە: مەملىكەتلىك كومىتېت ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ، «ئارمىيە خەلققە مەنسۇپ»، دېيىلگەن.
سۇرىيە 20-يانۋار يەنە يېڭى خەلقئارا بېسىمغا دۇچ كەلدى. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى: مۇشۇ ھەپتە يىغىن ئېچىپ،سۇرىيەگە قارىتىلغان يېڭى ھەرىكەتنى مۇزاكىرە قىلىمىز. چۈنكى، سۇرىيەنىڭ ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنى باستۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەم خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاخىرقى مۆھلىتى 19-نويابىر توشىدۇ، دېدى.
ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى: 24-نويابىر يىغىن ئېچىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىمىز. بۇ، قاتتىق جازالاش ياكى سۇرىيەنى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىن چىقىرىۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن، دېدى.
سۇرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئالىم: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدىن قورقمايمىز. ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارىنىڭ ئالدىنقى ئايدا سۇرىيەدە «قەتئىي ئىرادىلىك، قورال-ياراغلىرى خىل ھەم ئۆكتىچىلەر قاتناشقان ئىچكى ئۇرۇش پارتلىشى مۇمكىن» دېگەن گېپى ئۆزىنىڭ قارىشى، دېدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ