ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ قاغىلىقتا خىزمەت تەكشۈردى

0 2011-11-21 12:30:35   جۇڭگو رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      18   - نويابىر، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شۈگۈەنبىڭ،  ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسى پارتگۇرپپىىسنىڭ شۇجىسى ، ئىدارە باشلىقى جىڭ چىياڭ قاتارلىق ئالاقىدار رەھبەرلەر قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچا رايونىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلدى .

    شۇ كۈنى شى داگاڭ قاتارلىقلار قاغلىق تەڭرىتاغ  سېمونت پاي چەكلىك شىركىتى ، قاغىلىق شىڭ يى يېڭى تىپتىكى تام ماتېرىياللىرى چەكىلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى . كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقرىش تەرەققىيات ئەھۋالى ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا ئەھۋال ئىگەللىدى .

    تەكشۈرۈش جەريانىدا، شى داگاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : سانائەت -- شەھەر ئىقتىسادىنىڭ  ھاياتى كۈچى ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى باشتىن ئاخىرى 1 – نومۇرلۇق قۇرۇلۇش قاتارىدا چىڭ تۇتۇش كېرەك . سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى ئىتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، تىرىشىپ سودىگەر چاقىرىش ، دوستلىشىش ، ئىتبار بېرىش جەھەتتە ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىش كېرەك ،   تېخنىكا ئىقتىدارى بويىچە تەربىيلەش بازىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ، ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيىلەش سالمىقىنى زورايىتىپ ، كۆپ ساندىكى  ئىشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتىغا ئىگە قىلىش ، 2-3- كەسىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، قاغىلىقنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博