يېزا بازارلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا خوشخەۋەر

0 2011-11-18 11:56:46   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

شىنجاڭ يېزا بازارلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاساسى قاتلام كادىرلىرىغا ئىقتىسادى ياردەم بېرىش دائىرسىگە كىرگۈزىدۇ

                شىنجاڭ بىرقانچە كۈن ئىلگىرى شەھەر بازارلاردىكى كادىرلارغا ئاساسى قاتلام قوشۇمچە پۇل بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغان ھەمدە يېزا بازارلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى پۇل قوشۇپ بېرىش دائىرسىگە كىرگۈزىدىكەن.

              ئاپتونۇم رايوننىڭ ھۆججىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى ئاساسى قاتلام قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان يېزا بازارلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى چوقۇم ئىش ئورنىدا بولۇشى كېرەك. 2006-يىلىدىن باشلاپ ئاپتونۇم رايون بويىچە بىر تۇتاش تەكلىپ قىلنغان ئالاھىدە ئىش ئورنىلق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاپتونۇم رايون ئىچىدە رەسمى شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئاپتونۇم رايون بىر تۇتاش تەشكىللەپ تەكلىپ قىلغان يېزىلاردىكى قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىمقى يېزا بازارلاردىكى كادىرلارنىڭ  ئاساسى قاتلام قوشۇمچە پۇلى ئېلىش دائىرسىگە كىرىدۇ. ئىگەللىنىشىچە، قوشۇمچە پۇل بېرىش ئۆلچىمى جاپالىق چەت رايون ۋە باشقا يېزا بازار رايونى قاتارلىق ئىككى خىل بولۇپ، ئۈچ قاتلامغا ئايرىپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا ھەر بىر ئادەمگە ھەرئايدا 100يۈەندىن 500يۈەنگىچە قوشۇمچە پۇل بېرىلىدىكەن.

              نۆۋەتتە، كۆپلىگەن ۋىلايەت،ئوبلاستلار بۇ قېتىمقى ئوقۇتقۇچىلارغا يېزا بازار كادىرلىرىنىڭ ئاساسى قاتلام قوشۇمچە پۇلىنى تارقاتتى. لېكىن ئاز بىر قىسىم ۋىلايەت ئوبلاستلار تېخى بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى قوشۇمچە پۇل بېرىش دائىرسىگە كىرگۈزمىگەن. ئاپتونۇم رايون ھەر قايسى جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرى تارماقلاردىن يەرلىك تەشكىل، مالىيە ئورۇنلىرى بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، يېزا بازارلاردىكى ھەر بىر ئىش ئورنىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ(يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ۋاقتىدا ئاساسى قاتلام قوشۇمچە پۇلىدىن بەھىرلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博