«بۆرە ئاتا» تەن جازاسى ئارقىلىق تەربىيلىگەن 4بالىنىڭ ئۈچى بېيجىڭ ئونۋېرستېتىغا ئۆتكەن

02011-11-18 11:49:19   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     «بۆرە ئاتا»دەپ نام ئالغان بۇ دادىنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى شوئارى بولسا«ئۈچ كۈندە بىر تاياق يېگەن بالا بېيجىڭ ئونۋېرستېتىغا ئۈتەلەيدۇ».بۇ دادا بالىلىرىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە ئۆگۈنۈش نەتىجىسى ئۇنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەي قالسىلا بالىلىرىغا تەن جازاسى بېرىدىكەن.ئۇنىڭ ئىسمى شىياۋ بەييوۋ بۇلۇپ ،4بالىنىڭ ئۈچى بېيجىڭ ئونۋېرستېتىغا قۇبۇل قىلىنغان.تۈنۈگۈن ئۇ جىياڭسۇ مائارىپ تېلىۋىزىيە ئىستانسىىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سىن ئېلىش زالىغا بارغان،ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسىسلەر ۋە ئالىملارنىڭ كۈچلۈك گۇمانىنى قوزغىغان.ئەمما ئۇ قىلچىمۇ بوش كەلمەي ئۆزىنى«دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دادا»دەپ تەرىپلىگەن.
    ئۇنىڭ نەزىرىدە تەن جازاسى ئائىلە تەربىيىسىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھالقا ھېسابلىنىدىكەن،ھەمدە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئەڭ قالتىس تەرىپى ھېسابلىنىدىكەن.ئۇ سىن ئېلىش نەق مەيدانىغا بىر دانە پەي سۈپۈرگە ئېلىپ كەلگەن بۇلۇپ ،بۇ ئۇنىڭ بالىلىرىنى باشقۇرىدىغان مۇھىم قورالى ئىكەن.ئۇ ئەينى يىللىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۆلكە بويىچە 8-بولغان،ئۇنىڭ ئۆگۈنۈش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولۇشى ئانىسىنىڭ ھە دېسىلا ئۇرىدىغان تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ نەتىجىسى بولغاچقا،ئۇمۇ بالىلىرىنى تەربىيلەشتە ئائىلىسىنىڭ ئەنئەنىۋىي تەربىيە ئۇسۇلىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بالىلىرىنى تەربىيلىگەن.
    شىياۋبەييوۋ نىڭ دېيىشىچە،ئۇ ھەرگىزمۇ كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىكى زورلۇق بىلەن بالىسىنى ئۆزىنىىڭ گېپىنى ئاڭلاتقۇزىدىغان« ياۋايى دادا » ئەمەس،بالىنى ئۇرۇش ئېغىزدا ئېيتىلغاندەك ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس،مېنىڭ تەجىرىبەمگە ئاساسلانغاندا بالىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئۇرۇش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس،،مېنىڭچە،ئائىلە تۈزۈمىنى ئېنىق تۇرغۇزۇپ،بالىلارغا قانداق قىلسا توغرا،قانداق قىلسا خاتا بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش كېرەك،خاتالىق ئۆتكۈزگەندە«تۇنجى قېتىملىق خاتالىقمۇياكى تەكرار ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىقمۇ؟»دېگەننى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ جازالاش كېرەك.تەن جازاسىدىن كېيىن بالا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش كېرەك،ئادەتتە بالىدا 3خىل ئالاھىدىلىك بۇلىدۇ.12ياشتىن بۇرۇن بالىنىڭ ھايۋانىيلىق ئالاھىدىلىكى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ.چوقۇم تەن جازاسى ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.12ياشتىن ئاشقاندا بالىنىڭ ئادىمىيلىك ۋە ئىجتىمائىيلىق ئالاھىدىلىكى كۈچىيىدۇ،بۇ چاغدا بالىنى .ئۇرۇشقا بولمايدۇ.ئەكىسچە ئېغىز تەربىيىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك.
باشقىلارنىڭ گۇمانىي سۇئاللىرى ۋە ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى:

سۇئال :بۇ خىل تەربىيە قوللۇق تەربىيىسىنى تەشەببۇس قىلغنلىقمۇ قانداق ؟
 جاۋاب :كىچىك بالا مۇستەقىل تەپەككۇرغا مۇھتاج ئەمەس.
 بسۇئال :ۇ خىل تەربىيىدە بالا خوشال-خورام ئۆسۈپ يېتىلەلەمدۇ؟
 جاۋاب : كىچىك بالا نېمىنىڭ خوشاللىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
سۇئال : بالىنىڭ نۇرلۇق سىرتقى قىياپىتىگە ئەمەس،ئىچكى دۇنياسىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك!؟
  جاۋاب :بالا بىلەن كۆپ پىكىرلىشىش كېرەك،ئەمما  تەن جازاسى تەربىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىق كېرەك.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشى:بالىنى تەن جازاسىنى ئاساس قىلىپ تەربىيلىگەندە،بالا پەقەت بوسۇنۇشنى بىلىپ،مۇستەقىل پىكىر قىلالمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ.بالىلىقنىڭ غەمسىز مىنۇتلىرىدىن،خوشاللىقلىرىدىن ئەركىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ،مۇۋاپىق تەربىيە ئۇسۇلىنى تاللىشى كېرەك،تەن جازاسى بىلەن بالىنىڭ بېيجىڭ ئونۋېرستېتىغا قۇبۇل قىلىشنىنىڭ مۇقەررەر باغلىنىشى يوق.