قىش كىرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششارى يېزىسى ۋۇتام كەنتىدىكى دېھقانلار ئۆيىدىكى تۇرۇبا سۈيىنى ئېچىپلا، پاكىز تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان بولدى، ئۇلار ئەمدى ئەپكەش بىلەن ئېرىقتىن سۇ توشۇپ تاماق ئەتمەيدىغان بولدى. مۇشۇنىڭدەك قۇملۇقتىكى كەنتكە ئوخشاش، خەلق تۇرمۇشى سۈيىگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يىل شىنجاڭدا يەنە 1 مىليون 200 مىڭ دېھقان چارۋىچى پاكىز سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 118 تۈردە قۇرۇلۇش باشلانغان. 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 600 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، قۇرۇلۇشقا ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغنىڭ %78.65 نى ئىگىلىگەن، بۇ ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىدىن نەپ ئالغان تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى 1 مىليون 200 مىڭ دېھقان چارۋىچى«يازدا ئېرىق سۈيىنى ئىچىپ، قىشتا قار سۈيىنى ئىچىش» تارىخىغا خاتىمە بەردى.
يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەڭ كۆلەملىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ شارائىتىنى ياخشىلاشنى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك سۇچىلىق تارماقلىرىنىڭ مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتتە قوللىشى ئارقىسىدا، 12-بەش يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ 3 مىليون 432 مىڭ 600 كىشىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تاماملايدىكەن.
ئالاھىدە تەبىئىي جۇغراپىيەلىك موھىت ۋە ئىقتىسادنىڭ نىسپەتەن ئارقىدا قېلىشى سەۋەبىدىن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىكى نۇرغۇن دېھقان-چارۋىچىلار ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان پاكىز بولمىغان توختام سۇ،دەريا ئېقىن سۇيى ۋە فتور ئارسىن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن تېيىز يەر ئاستى سۈيىنى ئىچىپ كەلدى.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان شىنجاڭ يېزىلاردا ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىغا بولغان مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ،بىر تۈركۈم نوقتىلىق ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ،مىڭلىغان دېھقان-چارۋىچىلارنى سۇ قەھەتچىلىكى تەھتىتىدىن يىراقلاشتۇردى.يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كۆپ قىسىم دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق رايۇنلىرىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ،شىنجاڭنىڭ دېھقان-چارۋىچىلار ئىچىملىك سۇ بېخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنىڭ موھىم نوقتىسى قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتىن بېخەتەر بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى.
ھەمبەھىرلىنىڭ