قىرغىزىستان باش مىنىستىرى پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلدى

0 2011-11-02 12:02:16   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    قىرغىزىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ 31- ئۆكتەبىر سەھەردە ئېلان قىلغان دەسلەپكى ئاۋاز ھېسابلاش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، قىرغىزىستاننىڭ ھازىرقى باش مىنىستىرى، پىرېزىدېنت نامزاتى ئاتامبايىف يېرىمدىن كۆپرەك سايلىغۇچىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ بۇ نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلغان.

    قىرغىزىستان پىرېزىدېنت سايلىمى قانۇنىدا سايلام جەريانىدا %50 دىن كۆپرەك سايلىغۇچىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن نامزات پىرېزىدېنتلۇققا سايلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. مەركىزىي سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان دەسلەپكى ئاۋاز ھېسابلاش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە،31-ئۆكتەبىر ئەتىگەن سائەت 3 دىن 30 مىنۇت ئۆتكۈچە مەملىكەت بويىچە 289 ئاۋاز بېرىش پونكىتىنىڭ %84.51 تى دەسلەپكى قەدەمدە ئاۋاز ھېسابلاش خىزمىتىنى ئورۇنداپ بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە 962 مىڭ 578 سايلىغۇچى ئاتامبايىفنىڭ قىرغىزىستاننىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سايلىنىشىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن.

   قىرغىزىستان 30-ئۆكتەبىر پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى. بۇ قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن 6-قېتىملىق پىرېزىدېنت سايلىمى، شۇنداقلا 2010-يىلى 4-ئايدا باقېيىف ھاكىمىيىتى تارقىتىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق پىرېزىدېنت سايلىمى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر