پوسكام ناھىيەسى «جەنۇبى شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ـــ ئوبلاستتا پىلانلىق تۇغۇت ئالاھىدە مۇكاپات ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش نەق مەيدان يىغىنى » چاقىردى

0 2011-10-28 11:56:09   جوڭگو رادىئو تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    پوسكام ناھىيە ئايكۆل يېزا رادىيو-تېلېۋىزىيە پونكىتىدىن تۇرسۇنجان تۇراپ خەۋىرى ۋە فوتوسى: پوسكام ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمىقى يىغىننىڭ ئاساسى تېمىسى -جەنۇبى شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت – ئوبلاستتىكى ئاز سانلىق مىللەت دېھقان-چارۋىچىلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئالاھىدە مۇكاپات تۈزۈمىدىن بەھرىمان بولغانلارنىڭ مۇكاپات سوممىسىنى 720 يۈەندىن 1200 يۈەنگە ئۆستۈرۈش بەلگىلىمىسىنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا تەشۋىق قىلىپ ،مۇكاپات سوممىسىنى نەقلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت .

   بۇ يىلدىن باشلاپ ،كەڭ دېھقان-چارۋىچى ئائىلىلىرى پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالسا، شۇ يىلى 3000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىپ ، كېيىنكى يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى 2400 يۈەندىن تاكى ئۆمىرىنىڭ ئاخىرغىچە بەھرىمان بولىدۇ. مۇكاپات سوممىسىنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيىسىدىن چىقىم قىلىدۇ. بۇ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ،خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئەل رايى قۇرۇلۇشى بولۇپ ، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغان ئائىلىلەرگە بولغان غەمخورلۇقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ھازىرغىچە پوسكام ناھىيەسىدە جەمىئىي 1990 نەپەر دېھقان-چارۋىچى بۇ زور خەلىقكە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولغان بولۇپ ، ناھىيە بويىچە مۇشۇ بىر سىياسەتتىنلا پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغان دېھقان-چارۋىچىلار ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپ 11مىليون 788 مىڭ 680 يۈەنگە يېتىپ ، 2006-يىلدىن بۇيانقى يولغا قويۇلغان سىياسەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مەبلەغ (27 مىليون 728 مىڭ 620 يۈەن) مۇكاپات مەبلىغىنىڭ  ﹪42.5 نى ئىگەللىگەن .ھەمدە جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە قاتناشقان ھەر بىر ئائىلە جەمئىي 5924 يۈەندىن كۆپرەك كىرىمگە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقتتا پەرزەنتلىرى ئالىي مەكتەپ ، ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بەرسە نومۇر قوشۇش سىياسىتى ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسا يېڭچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ﹪8 دىن ئارتۇق ئاتچوت قىلشتىن ئىبارەت سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان بولىدۇ.

  بۇ گۇۋاھنامە ئالغان ئائىلىلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە شەرەپكە، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەمەلىي نەپكە ، تۇرمۇش جەھەتتە كاپالاتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەقىقى گەۋدىلەندۈرۈپ ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ ، پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن كۈچلۈك تۈرۈتكۈلۈك رول ئوينايدۇ .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博