زەھەر ئېلىپ - ساتقۇچىلار جازاغا تارتىلدى

0 2011-10-27 11:58:58   65933.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   يەكەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا جاۋابكار ئەمەت ،ئالىم ۋە نىيازغا زەھەر ئېلىپ _ سېتىش جىنايىتى بىلەن يۇقىرىسىغا سەككىز يىللىق ، تۆۋىنىگە ئالتە يىللىق قاماق جازاسى بەردى .
     ئىگىلىنىشىچە ،جاۋابكار ئەمەت بۇ يىل ئاپرېل ئۈرۈمچىدىن 15 گىرام خېروئىننى750 يۈەنگە سېتىۋىلىپ مەكىتكە كەلگەن ۋە كونا تونۇشى ئالىمغا بەش گىرام خېروئننى 3500 يۈەنگە ساتقان .ئون كۈندىن كېيىن ئالىم ئەمەتكە يېڭىساردىكى كونا تونۇشى نىيازغا ئازىراق < مال > لازىم ئىكەنىلكىنى دېگەندە ، ئەمەت خالىي جايىدا كۆرۈشۈپ < مال > نى ئېلىۋىلىشنى ئېيىتقان . ئەمەت ئون گىرام خېروئىننى نىيازغا 7000 يۈەنگە ساتقان .ئۇلار ئۇزاق ئۆتمەيلا ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博