لىۋىيە ش ئا ئە ت نىڭ بېشىغا يەنە «پىت »تېرىدى

0 2011-10-28 10:43:23   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
       ھۆكۈمەت سىرتىدىكى «ئىنسانىي ھوقۇقنى كۆزىتىش» تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە سۇرتتا مىسراتادىن كەلگەن ئۆكتىچىلەر ئېتىپ ئۆلتۈرگەن كازافىنىڭ 53 قوللىغۇچىسىنىڭ جەسىتىنى بايقىدى. قوللىرى باغلانغان ئۆلگۈچىلەر ئەمدىلا كۆمۈۋېتىلىشىگە ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى يېتىپ كەلگەنىدى.
      شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، كىشىنىڭ دىققىتىنى بەك تارتىدىغىنى لىۋىيەدىن كەلگەن خەۋەر بولماي، بەلكى لىۋىيە ھەرىكىتىگە قاتناشقان ش ئا ئە ت دۆلەتلىرىنىڭ بۇ خەۋەرلەرگە قانداق قارايدىغانلىقى بولۇپ قالدى.
     خەلق يەنىلا «يەنە بىر مۇستەبىتنىڭ ئىنقىلابىي خەلق تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان»لىقىغا ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئېسىمىزدە قېلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقى كازافىنىڭ ئۆلۈمىگە «مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش دەۋرى ئاخىرلاشتى»، دەپ ئىنكاس قايتۇرغان، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما «بۇ، لىۋىيە خەلقىگە ئۇزاق مۇددەت ھۆكۈمرانلىق قىلغان مىجەزى ئوسال رەھبەرنىڭ قىيامەت كۈنى»، دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.
     كازافى دەۋرىدىكى ئەدلىيە مىنىستىرى جەلىل، يەنى ھازىرقى مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتنىڭ باشلىقىنىڭ يىغىلىشتا سۆزلىگەن نۇتقى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنىدىكى ئاساسلىق خەۋەر بولۇپ قالدى. جەلىل: لىۋىيە ئىسلام شەرىئەتلىرى بويىچە يول تۇتىدۇ، ئىسلام شەرىئەتلىرىگە مۇخالىپ ھەرقانداق قانۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، دېگەن.
    بەزىلەر نۇرغۇن قېتىم ماقالىسىدە: ئوتتۇرا شەرق ئىنقىلابى ئامېرىكا ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن تولىمۇ ئاۋارىچىلىق ئىش، لېكىن ئۇلار مەجبۇرىي كۈلۈپ، ئاغزىدا يەنە «مۇستەبىتلىككە قارشى جەڭچىلەر»نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، دېدى.
     لېكىن، ھازىر ئوتتۇرا شەرقتىكى زالىم ئۆلۈپ، يەنە بىر مەيدان ئويۇن باشلىنىدىغان چاغدا لىۋىيەدىكى ھەرىكەتكە قاتناشقانلارنىڭ بۇ ئويۇنغا بولغان ئىنكاسى ئېنىق بولمىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئۈمىدۋار بولۇپ كېتىشىگە بىرنېمە دېمەك قىيىن.
   مۇتەخەسسسىلەر لىۋىيەدىكى ھەرىكەتنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى ۋە ئاقىۋىتىگە قارىتا قىلغان سۆزلىرىدە تەجرىبە-ساۋاقلارنى ناھايىتى ياخشى يەكۈنلەنگەن بولسىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق تەرەققىي قىلىش توغرىسىدىكى تونۇشى تازا يېتەرلىك بولمىغان.
    ئەنگلىيەنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى دالتون: لىۋىيەنىڭ كەلگۈسى ئېنىق ئەمەس، لېكىن بۇ نۇقتا بىزنىڭ توغرا قىلغان-قىلمىغانلىقىمىزدىن گۇمانلىنىشقا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دېدى.
     ئەمەلىيەتتە، ش ئا ئە ت لىۋىيەدىكى ھەرىكەت غەلىبە قىلغاندىن كېيىن لىۋىيەنى غەلىبە قىلغۇچىلارغا قالدۇرۇش كېرەكمۇ؟ (مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت ۋە ئىككى چوڭ قوزغىلاڭچى گۇرۇھ) ياكى لىۋىيەنى قايتا قۇرۇشقا قاتنىشىش كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت باشنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ نەتىجىسى ھازىرچە تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ.
     لىۋىيەدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن تەخىرسىز مەسىلە ساقلانماقتا. كازافىغا سادىق قوشۇن، نۇرغۇن قورال-ياراغنىڭ كونترولسىز قېلىشى، شۇنىڭدەك مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت قوشۇنىدا ئالاھىدە جانلىنىۋاتقان رادىكال ئىسلامىزىمچىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۈچ خەتەرلىك ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ش ئا ئە ت مەلۇم خىل ئۇسۇلنى تاللاپ لىۋىيەدە قېلىشى كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博