كازافىنىڭ ئۆلۈمى غەرب ئۈچۈن خۇشاللىق تۇيۇلدى

0 2011-10-28 10:39:03   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 كازافى ئىچكى ئەھۋاللاردىن كۆپ خەۋەردار كىشى. ئۇ ھايات قالغان بولسا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۇنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن سوتلانغاندا، گائاگادا قانداق داغدۇغا پەدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن بولاتتۇق. ئۇ گائاگادا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تونى بلايېر بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب ئاخبارات تارماقلىرى بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلاشقان تەپسىلاتلار، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ توختامنى غەربتىكى چوڭ نېفىت شىركەتلىرى ۋە بىناكارلىق شىركەتلىرىگە قانداق بەرگەنلىكىنى چوقۇم ئاشكارىلىغان بولاتتى.
   «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» ئىلگىرى تونى بلايېر ئەنگلىيەگە باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە سەئىف كازافىغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلىشىغا ياردەم بەرمەكچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بلايېر ۋە بروۋن باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، ئەنگلىيە يەنە قورال-ياراغلىرىنى سۇرىيە ھاكىمىيىتىگە سېتىپ بېرىش ئۈچۈن پائال ئىزدەنگەن، شۇنداقلا يەنە  ئالاھىدە پاراشۇتچى قىسىمىنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتىپ، كازافى قىسىملىرىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تاكتىكىسى بويىچە مەشقلەندۈرۈشكە ياردەم بەرگەن. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، 2007- يىلى 12-ئايدا ساركوزى كازافىنى پارىژدا دۆلەت زىيارىتىدە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان، نەتىجىدە فىرانسىيە شىركەتلىرى لىۋىيەدىن نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق توختامغا ئېرىشكەن.
    كازافىنىڭ ئۆلۈمى غەرب ۋە لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا قالتىس نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىرىنىڭ كۆپى ئىلگىرى كازافىغا سادىق بولۇپ، كەسپىي ھاياتىدا كازافىنىڭ پايدىسىنى كۆپ كۆرگەن. كازافى ئۇلارنىڭ نۇرغۇن سەۋەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭ سوتتا قانداق گەپنى قىلىدىغانلىقى نۇرغۇن كىشىنى ساراسىمىگە سېلىشى مۇمكىن ئىدى. ھازىز كازافى ش ئا ئە ت نىڭ قولىدا ئەمەس، لىۋىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلدى، بۇ تېخىمۇ قالتىس بولدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博