نېپال جۇمۇلاڭما چوققىسىغا تېلېكامېرا ئورناتتى

0 2011-10-11 11:01:44   شىنخۇا ئاگىنىتلىقى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      نىپال ئاخبارات ۋاستىلىرى 9 – ئۆكتەبىر بىر خەلقئارالىق تاغلىق تەتقىقات ئەترىتىنىڭ يېقىندا جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ جەنۇبىدىكى كارا-پاتار بارگاھىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 5675 مېتىر بولغان قىسمىغا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز تېلېكامېرا بېشىنى ئورناتقانلىقىنى،جۇمۇلاڭما چوققىسىغا قارىتا توختىماي كۈزىتىش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى.
      نېپال<<جۇمھۇرىيەت گېزىتى>>خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،بۇ قۇياش ئېنىرگىيىلىك تېلېكامېرا بېشى خەلقئارا تاغلىق تەتقىقات ئەترىتى 9 – ئايدا قۇراشتۇرۇشنى تاماملىغان بولۇپ،ئۇ نولدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تۆۋەن تېمپىراتۇرا سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن.تېلېكامېرانىڭ خىزمەت ۋاقتى 6 سائەتتىن 18 سائەتكىچە بولۇپ،سانلىق مەلۇماتلارنى ھەر بەش مىنۇتتا بىر قېتىم يېڭىلاپ تۇرىدىكەن.تېلېكامېرا سىمسىز تور ئارقىلىق تارتقان سۈرەت سانلىق مەلۇماتلارنى خەلقئارا تاغ تەتقىقات ئەترىتىنىڭ كارا-پاتار بارگاھىغا يېقىن بولغان دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 5050 مېتىر جايغا قۇرۇلغان تەجىربىخانىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن.
      تەتقىقاتچىلار بۇ سۈرەت سانلىق مەلۇماتلارنىڭ جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بۇلۇت قاتلىمىنىڭ ئەھۋالى،يەنىمۇ نۇرغۇن ھاۋارايى سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ساقلىنىشى،ھاۋارايى ئۆزگىرىشىنىڭ جۇمۇلاڭما چوققىسىغا بولغان تەسىرىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىقلارغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
     بۇندىن بۇرۇن دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ يۇقىرى بولغان تېلېكامېرا ئارگىنتىنادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئوشۇق بولغان بىر تاققا ئورۇنتىلغان ئىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博