مېڭە ياللۇغى يۇقۇملۇق كېسىلى 490 ئۆسمۈرنىڭ جېنىنى ئالدى

0 2011-10-11 10:35:59   جۇڭگو ئاخبارات تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    جۇڭگو ئاۋازى‹‹خەۋەرلەر كۆزنىكى›› نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ كىتكاتا ئۆلكىسى بىلەن ئاسسام ئۆلكىسىدە ياپونىيە مېڭە ياللۇغى يۇقۇملۇق كېسىلى كۆرۈلۈپ، ئۆتكەن ئىككى كۈندە جەمئىي 6570نەپەر بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان بولۇپ، ئاز دېگەندە 490ئۆسمۈرنىڭ جېنىنى ئالغان.ھىندىستان مەركىزى ھۆكۈمىتى تارقىتىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان ۋاكسىنا تېخى تۆۋەنگە چۈشمىگەن بولۇپ، بۇ ئاپەتنىڭ يامراپ كېتىشىدىكى باش جىنايەتچى دەپ قارالدى.
      ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىتكاتا ئۆلكىسىدە ئوتكەن قېتىمقى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى 2006-يىلى بىلەن 2010-يىلى كۆرۈلگەن.مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بولغاندا يۇقىرىقى ئەھۋالىغا قارشى تۇرغىلى بولمايدىكەن.مەركىزى ھۆكۈمەت بۇ يىل 1-ئايدا كىتكاتا ئۆلكىسىگە 6.6مىليون ئەملەش ۋاكسىنىسى بېرىشكە ماقۇل بولغان بولۇپ تېخى ھازىرغىچە چۈشمىگەن.خەۋەردە ھىندىستان مەركىزى ھۆكۈمىتى يۇقۇم ئەھۋالىغا سەل قارىدى دېيىلدى.
     ھىندىستان بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش كومىتېتى كىتكاتا ئۆلكىسىگە ئۇقتۇرۇش يوللاپ، ياپونىيە مېڭە ياللۇغىنىڭ بالىلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېغىر ئىش دەپ قارايدىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، چوقۇم 10كۈن ئىچىدە دوكلات تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر