قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئالماسبېك ئوتانبايېۋ يېقىندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: قىرغىزىستان بىر ئىستراتېگىيەلىك قارار چىقاردى، يەنى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىشنى قارار قىلدى.
ئوتانبايېۋ يېقىندا بېشكەكتە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: <قىرغىزىستاننىڭ تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىشىگە ئالاقىدار ئىستراتېگىيەلىك قارار ئاللىقاچان ماقۇللاندى. قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، بىز تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى ۋە بىر تۇتاش ئىقتىسادىي مۇھىتقا كىرىمىز، بۇ بىزنىڭ ئامالسىز تاللىشىمىز. بىز ئالدى بىلەن قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك. ئەگەر رۇسىيە بىلەن قازاقىستان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا قىرغىزىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىك سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق مەسىلىلەر ئوڭايلا ھەل بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا بىز قەدەم - باسقۇچلۇق ھالدا تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىشىمىز كېرەك>.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...