ئۆزبېكىستاندا ئىسسىق سۇ باھاسى ئۆرلىدى

211 2011-10-10 10:55:25   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۆزبېكىستاندىكى سۇ سائىتى ئورناتمىغان ئاھالىلار تەمىنلىنىدىغان ئىسسىق سۇ باھاسى %20 ئۆرلەپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق باھا4968.26سۇم (ئىلگىرى 4140.25 سۇم ئىدى) غا يەتتى. ئاممىۋى يۇيۇنۇش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان ياتاقلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ئىسسىق سۇ باھاسى بولسا 71.6963 سۇم (ئىلگىرى  3080.41سۇم ئىدى) بولدى.
      ئىسسىق سۇ باھاسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈشتىن مەقسەت، بايلىقنى تېجەش بولۇپ، ئاھالىلارنىڭ سۇ سائىتى ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۆزبېكىستان 2010 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئىسسىق سۇ باھاسىنى ئۆستۈرگەنىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر