رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ‹فېدىراتسىيە توختام تۈزۈمى› قانۇن لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان ‹دۆلەت سېتىۋېلىش قانۇنى› نىڭ ئورنىنى ئالدى. ‹دۆلەت سېتىۋېلىش قانۇنى›2008 - يىلىدىن باشلاپ ئۇدا ئەيىبلىنىشكە ئۇچراپ كەلگەنىدى، يېڭى قانۇن كونا قانۇننى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سېتىۋېلىشىغا قارىتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن يېڭى قانۇندىكى دۆلەتكە ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى رۇسىيە فېدىراتسىيەسى مونوپولغا قارشى تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويدى، ئۇلار دۆلەتكە ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېتىراپ قىلىنىشى نۆۋەتتىكى تۈزۈلمىنى ئاجىزلىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۇ سەۋەبتىن دۆلەت سېتىۋېلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ چىرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارىدى. 2010 - يىلى رۇسىيەنىڭ سېتىۋېلىش ئومۇمىي سوممىسى 4164 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
ھەمبەھىرلىنىڭ